دىيابېت كېسەللىكلەرسەھىپە ئايرىلمىغان

دېئابىت كېسەللىكىگە پايدىلىق 7 خىل يېمەكلىك


    1. ئاچچىق كاۋا، تەمى قىرتاق، تەبىيتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھۆسۈن تۈزەش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. ئاچچىق كاۋىنىڭ ئېكستراكتلاپ ئايرىۋېلىنغان ماددىسىنىڭ ئىنسۇلىنغا ئوخشاش رولى بولۇپ، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. دېئابىت كېسەللىكگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمى بار.

    2.كاۋا ، تەمى تاتلىق، تەبىئتى مۆتىدىل، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ياللۇش قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە كاۋىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجىرتلىشىنى ياخشىلايدىغان خۇسۇسىيتى بار بولۇپ، قان قەنتىنى تۆۋەلىتىدىكەن.

    3. باش پىياز، تەمى ئاچچىق، تەبىئتى مۆتىدىل، ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئشتىھانى ئېچىش رولى بار. سامساق بىلەن قوشۇپ داۋاملىق تۈردە ئىستېمال قلىپ بەرسە قان قەنتىنى تۆۋەلىتىدۇ.

    4. قارا مور، تەركىبىدە پولىساخارىد، ئاقسىل، ۋىتامىن، ياغ، كاروتىن، كالىي، ناتىرىي، كالىتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بولۇپ،  ئىچىدىكى پولىساخارىدنىڭ قەنت قانتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. قارا مورنى شورپىغا سېلىشقا ۋە قورمىغا قۇشۇشقا بولىدۇ.

     5. قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، تەركىبىدە پولىساخارىد، ۋىتامىن، ئاقسىل، ياغ بار بولۇپ، ئىچىدىكى پولىساخارىدنىڭ قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار ، بىمارلار تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

   6. جىنياڭيۇسى، تەركىبىدىكى گلۇكومانناننىڭ قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. يەنە ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، قوساقنى تويدۇرىدۇ، ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا دېئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئۇزۇقلىقى بولالايدۇ.


7. بۇغداي كېپىكى، تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇققا مائىل، قورساق توقلاپ، قۇۋۋەت تۇلۇقلىغاندىن سىرىت، يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ ۋە ئسسىقنى ھەيدەپ تەرلەشنى توختىتىدۇ. ئۇن بىلەن بۇغداي كېپىكىنى 6:4 نىسبەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ۋە تۇخۇم قوشۇپ پېچىنە قىلىپ يېگەندە دېئابىت بىمارلىرىنىڭ ياخشى يېمەكلىكى بۇلالايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button