بالىلار دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا دىئابېت كېسىلى كۆپىيىپ قالدى. سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1 /1000 ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 4/1 قىسمى داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق 4/3 قىسمى ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان. ھەتتا كۆپلىگەن بالىلار ئۆزىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن بىخەۋەر. بالىلار دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى مۇھىم ئورۇۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ھەرخىل يۇقۇملىنىش ۋە ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق، شۇنداقلا تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى ئالاھىدە بىلەن قاراش كېرەك. بالىلار دىئابىت كېسىلى بىلەن چوڭلار دىئابېت كېسىلى ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بالىلار دىئابېت كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ. ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، دىئاگنوز قويۇشقىمۇ بىر قەدەر ئاسان. ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
1) كۆپ ئۇسسايدۇ، دائىم سۇ ئىچىدۇ؛
2) سۈيدۈك قىستايدۇ، پات- پات سىيىدۇ؛
3) كېچىسى تاھارەتكە كۆپ چىقىدۇ؛
4) سەۋەبسىز تېز ئۇرۇقلايدۇ؛
5) ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، تاماقنى كۆپ يەيدۇ؛
6) بەزىدە قورسىقى ئاغرىپ قۇسىدۇ؛
7) ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ، يېتىۋالغۇسى كېلىپلا تۇرىدۇ؛
8) روھسىزلىنىپ قالىدۇ؛
9) تېرە قۇرغاقلىشىدۇ؛
10) مەڭزى داۋاملىق قىزىل تۇرىدۇ؛
11) بەزىدە تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىدۇ ياكى بىھۇش ئۇخلايدۇ.
بالىلار دىئابېت كېسىلىدە ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش تۈپەيلىدىن، مېتابولىزىم قالايمىقانلىشىپ، دۆڭچە مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئارتىپ كېتىپ، قالقانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ ۋە كېرنىگ ئالامىتى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا داۋالانسا، دىئابىت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.