دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ئۈچنى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك
دىئابېت كېسلىنى داۋالاش جەريانىدا ، كشىلەر يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە تىزگىنلەش لازىملىقىنى بەكرەك تەكىتلەپ، بىمارنىڭ يېمەكلىك جەھەتتە تولۇقلاپ تۇررۇشىغا سەل قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر مۇنچە كىشىلەر ناھايىتى غورىگۈل كۈن ئۆتكۈزۈش كېرەك ئىكەن، دەپ قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە، دىئابېت كېسىلىگە گرىپتار بولغۇچىلار يېمەكلىك جەھەتتە تولۇقلاپ تۇرۇشىقا موھتاج بولىدۇ، يېمەكلىك جەھەتتە تولۇقلاپ تۇرۇش باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەشكىمۇ پايدىلىق.
1.خرومنى تولۇقلاپ كېرەك. خروم ئادەم بەدىنىدىكى بىر مۇنچە فىزىئولوگىيلىك ئىقتىدارلارنىڭ ئورۇندىلىنشى بولۇپمۇ كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەتقىقات نەتىجىلەردىن قارىغاندا، خروم نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە باشقا بەزى ئېلېمېنىتلار بىلەن بىرلىشىپ گلۇكۇزىغا چىداشلىق ئامىللارنى ھاسىل قىلىدىكەن، ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ياردەمچى ئامىلى بولۇپ ، ئىنسۇلىننىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزىمنىڭ گىلۇكۇزىنى قوبۇل قىلىشنى تېزلەشتۈرۋېتىدۇ. كىلىنكىلىق تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، خروم تەركىبى بولسىمۇ، بەكمۇ تۈجۈپىلەپ ياسالغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەردە خروم يوق دېيەرلىك بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە قالپاقلىق زەمبىرۇغ، كاللەكسەي،ماش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە خىروم كۆپرەك بولغاچقا، بىمارلار مۇۋاپىق يوسۇندا تاللاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
2. ماگنىينى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك.دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆرۈش پەردىسدىكى ئۆزگىرىش ئەما بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. دىئابېت كېسىلىنىڭ يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسىلىنى پەيدا قىلىشنى ئاشۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ھادسسىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولىدۇ.يېڭى تەتقىقاتلار شۇنى چۈشەندۈردۇكى،ماگنىي كەملىكى يۇقىرىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تېبىىي خادىملار بىمارلارغا قان تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تاپىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماگنىيىنى تولۇقلاشقىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇنداق قىلىش دىئابېت كېسلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى ئازايتىش ۋە ئۆلۈم ھادىسسىنى تىزگىنلەشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان تەدبىردۇر. قارائاشلىق، ماش – پۇرچاق تىپىدىكى ئاشلىقلار، قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ماگنىي تەركىبى كۆپرەك بولىدۇ.ئۇلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش پايدىلىق. قاتتىق سۇنى ئىستېمال قىلىشمۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقان پايدىلىق.
3. كالتىسينى تولۇقلاش كېرەك. ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ ئاسانلا كۆرۈلىدىغان سۆڭەك شالاڭشىپ كېتىش كېسىلى دىئابېت كېسىلىگە گرىپتار بولغۇچىلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.شېكەر تەركىبىنىڭ ئۇزاقلارغىچە يۇقىرى بولۇۋېرىشى سۈيدۈكنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرۋېتىپ، ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى كالتىسي ماددىسىنى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىپ، قان تەركىبىدىكى كالتىسىينى ئازايتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دىئابېت كېسلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار چېنىقىشىنى كۈچەيتىپلا قالماي، كالتىسيىنى قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ بېرىشكىمۇ دىققەت قىلىش لازىم.
ئادەتتە تەركىبىدە كالتىسىي مولراق بولغان كالا سۈتى، سۆڭەك شورپىسى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، باقلا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.