مىزاج

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪز ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮى

ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر «ﻣﯩﺰاج» ﺳﯚزى ﺑﯩﻠﻪن «ﻣﯩﺠﻪز» ﺳﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ دەﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﭘﻪرﻗﻰ ﻳﻮق ﺋﻮﺧﺸﺎﺷـلا ﺑﯩﺮ ﮔﻪپ دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚز ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ، ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪن ﻣﻪﻧﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. «ﻣﯩﺰاج» ﺋﻪرەﺑﭽﻪ ﺳﯚز ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎرﯨـلاﺷﻤﺎ، ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ، ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎ دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪۇ. «ﻣﯩﺠﻪز» ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺳﯚز ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺧﯘﻟﻖ، ﺋﺎدەت دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪۇ. «ﻣﯩﺰاج» ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﻰ ۋە ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘـلار ۋە ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺟﯩﺴﯩﻤـلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﻗﯘرﻏﯘﭼﻰ ﻣﺎددﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯚت ﺋﺎﻧﺎﺳﻮرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﺷﺸﺎق ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﯘ – ﻗﺎرﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗـلارﻧﯩﯔ ﺋﻜﺰﺋﺎرا ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە، ﺷﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺟﯩﺴﯩﻤﺪا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺟﯩﺴﯩﻤـلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻘـلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﺳﻮﻏﯘق، ﮬﯚل، ﻗﯘرۇق ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق، ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
«ﻣﯩﺠﻪز» ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﯧﺮت ﮔﻪپ – ﺳﯚزى، ﺋﯩﺶ – ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮى داۋاﻣﯩﺪا ﺗﯘراﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺋﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ. ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪز، روﮬﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺳﻪﭘﺮا ﻣﯩﺰاﺟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎﭼﻘﺎ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﺋﻪﺳﻪﺑﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق ﺋﻮرﺗﺎق ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻧﯧﺮۋﯨـلارﻧﯩﯔ ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘرۇش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﺪﯨﯘ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻳﺎﻣﺎن، ﻏﻪزەﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ، ﻧﯧﺮۋﯨﺴﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ، ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ، ﺳﻪزﮔﯜر، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋالاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﯘش، روﮬﯩﻲ ﺗﯘراﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺸﯘ، دﯨﻠﻐﻮﻟﺪا ﺑﻮﻟﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪز ۋە روﮬﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪت ﻏﺎﻟﯩﭙﺮاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﺎن ﻣﯩﺰاﺟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﻗﺎن ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮان ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرۇپ ﻧﯧﺮۋﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘرﻏﺎﭼﻘﺎ، ﻧﯧﺮۋﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘرۇش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺧﯘﺷﺨﯘي، ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎق، ﺋﻮﭼﯘق ﭼﯩﺮاي ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ، ﺳﺎﻟﻤﺎق ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪز ۋە روﮬﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.
ﺑﻪﻟﻐﻪم ﻣﯩﺰاﺟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرۇپ، ﻧﯧﺮۋﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﮬﯚﻟﻠﯜك ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﻧﯧﺮۋﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺪۇ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗـلار ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻧﯧﺮۋﯨـلارﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘرۇۋﯦﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯧﯟ ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯩﻜﻰ، ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘرۇش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلاردا ﺋﯧﻐﯩﺮ – ﺑﯧﺴﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺑﯩﻐﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺳﻮﻏﯘق ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﯚپ، ﺳﻪزەۈرﻟﯩﻜﻰ ﺗﯚۋەن، ﮬﻪرﯨﻜﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘش، ﺳﺎددﯨﻖ ۋە ﭘﻪرۋاﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎق ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪز، روﮬﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.

ﺳﻪۋدا ﻣﯩﺰاج ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرۇپ، ﺋﯘ ﻧﯧﺮۋﯨـلارﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﻛﻪﻳﻘﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘرۇش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺧﯩﻴﺎﻟﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮرﻟﯘق، ﻳﺎﻟﻐﯘزﻟﯘﻗﻨﻰ ﺧﺎلاش، ﺋﯘﻳﻘﯩﺴﻰ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﯘش ، ﻗﯘرۇق ﮬﺎۋاﻳﻰ – ﮬﻪۋەﺳﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ، ﺋﺎزاﺑﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗـلاش ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرى ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎن، ﺗﯧﺘﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪز، ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلار ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻣﯩﺠﻪزدﯨﻜﻰ روﮬﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻜﻰ روﮬﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﻳﺎﺷﺎش ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ (راﻳﻮن ﭘﻪرﻗﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ)، ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘـلار، ﻧﻮرﻣﺎﻟﺴﯩﺰ روﮬﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮى (زﯨﻴﺎدە ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ زﯨﻴﺎدە ﭼﺎرﭼﺎش ﺧﻮرﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلار)، ﺋﯘزاق ﻣﯘددەت ﻛﯧﺴﻪل ﺋﺎزاﺑﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺶ، ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ (ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ، ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇش، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت، ﺋﻪﻳﯩﺶ – ﺋﯩﺸﺮەت، ﻛﻪﻳﯩﭗ – ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻣﯘ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﺪە ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺧﯘﻟﻘﻰ – ﻣﯩﺠﻪزﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠـلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلاردﯨﻜﻰ ﻣﯩﺠﻪز ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ۋە ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ، ﺷﺎراﺋﯩﺖ ۋە ﺋﯘﺳﯘﻟـلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزەﯨﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯚزەﯨﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﮬﻪم ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلار ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪزﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟـلاپ ﺳﺎﻗـلاپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرۇش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎزﯨـلاپ ﭼﯩﻘﯩﺮالاﻳﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلاردﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﺪە ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﻪﺑﯩﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺰاج ﺷﯘ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯜزۈﻟﯩﺸﻰ ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏـلام داۋاﻣﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜرﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺸﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠـلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠـلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺷﯘ ﺗﻪﻧﺪە ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚزەﯨﺮﯨﺸﻠﯩﺮى ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜش زۆرۈرﻛﻰ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاج ﻣﯘﺗﻠﻪق ﺋﯚزﮔﻪرﻣﻪس ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺷﯘ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺗﻪﻧﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩﻠﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺴﺎﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪاد ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪت ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪاد ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪت ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺰاﺟﻨﻰ ﺳﻪﭘﺮا (ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ) دﯦﺴﻪك، ﺑﯘ ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ، ﺑﻮۋاﻗﻠﯩﻖ ۋە ﺋﻜﺴﻤﯜرﻟﯜك دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق ۋە ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﺘﻪ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎن دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﺋﯩﻪﺳﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ۋە ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﻗﯘرۇﻗﯘق ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻣﺎﻳﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺪۇ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺰاج ﺷﯘ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﯘﺗﻠﻪق ئۆزگىرىپ، ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ئۆزگىرىش ﻳﺎﺳﺎپ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺧﺎلاس.

ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﻟﻖ – ﻣﯩﺠﻪز، ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﻣﯘ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﺷﯘ ﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺰاﺟﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻣﯩﺰاج ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺷﯘ ﺗﻪﻧﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎن ﻧﻮرﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯚزەﯨﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﻟﯘم ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﻣﯩﺠﻪزدﯨﻜﻰ ﭼﯘﺳﻠﯘق ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﻚ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺗﯩﺖ – ﺗﯩﺘﻠﯩﻖ، ﺧﻮرﻟﯩﻨﯩﺶ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ روﮬﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺮار داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻓﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ، ﺷﯘ ﺗﻪﻧﺪە ﺳﻪﻓﺮا ﻣﯩﺰاﺟﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪۋدا ﻣﯩﺰاﺟﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺰاج ﺑﯘزۇﻟﯘش ﺋﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﺮى ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﻣﯩﺰاج ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯩﺠﻪز ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘم ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯩﺰاج ﻣﯩﺠﻪزﻧﻰ بىلەلەيدۇ. ﻣﯩﺠﻪزﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاﺟﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺑﯘلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪم ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪم ﭘﻪرق ﺑﺎر. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﺰاج ﺳﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯩﺠﻪز ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button