سەھىپە ئايرىلمىغانمىزاج

قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇغراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدەنلىرى قىزىق، سوغاق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سوغاق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېزراق سوقىدىغان، سۈيدۈگى قىزىلغا مايىل سېرىق بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن تاشقىرى، قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەرنىڭ خۇلقى مىجەزى ۋە روھى ھالىتىدە ئالاھىدە پەرقلەر بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنى شۇكىشىلەرنىڭ تۇغما مىجەزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت ئىلىمىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي كۈزىتىشىدىن قارىغاندا قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەر ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەركىتى تېز، سەزگۈر ھە ئالدىراڭغۇ، تۇراقسىز، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئۇيقىسى ئازراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك، نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورىلار يامان تەسىر قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button