مىزاج

مىزاج تەلىماتى

مىزاج ئەرەپچە سۆز بولۇپ، «بىرىكمە، ئارىلاشما» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ زاتى خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۆت ماددا ئۆز ھالىتىنى ساقلاپ، (يەككە ھالىتىدە، مۇرەككەپ شەيئىيلەرنى ھاسىل قىلمىغان ھالىتىدە) تۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ. بۇ مىزاج يەككە ھالەتتە بولماستىن ئىككىدىن نىسبى بىرىككەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تىگى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ھەر قانداق شەيئىيلەردىكى مىزاج غالىپلىقى شۇ شەيئىيدىكى تۆت ماددىنىڭ كەيپىياتلىرىنىڭ غالىپلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، تۆت ماددىنىڭ ھەر بىرىدە ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ، ئۇنىڭ مىزاج ئىپادىلىشىشى ئۈچۈن چوقۇم بىرىكىشى ياكى باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلىشىشى شەرت دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. تۆت ماددا ھەر قانداق شەيئىي ياكى جىسىمغا بولسۇن ئۇلارغا تەركىپ بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا كەيپىيات (يەنى تۆت ماددا كەيپىيات) يەنە شۇ تۆت ماددىنىڭ قايسى غالىپلىقىنىڭ سەۋەبىدىن مۇرەككەپ شەيئىي مىزاجى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا ئېيتىمىزكى مىزاج ئادەتتە سەزگۈلەر ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقنىڭ ھايۋانلار ۋە ئادەملەرگە بەرگەن تەسىرىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىق، تاتلىق، قاتتىق، يۇمشاق، تىز، ئاستا…….. دىگەندەك سۈپەتلەر ھەم رەڭگە مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلەر، ۋەزىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلەر….. ھەممىسى شۇ مىزاجنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۈپەتلەردۇر. ئۇنى كەيپىيات ياكى مىزاج دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ، ئۇ كەيپىياتنىڭ خادىمىدۇر خالاس، (كەيپىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۈپەتلەردۇر). ئەمەلىيەتتە مىزاج تۆت چوڭ ماددىنىڭ زاتى خۇسۇسىيىتى شۇنداقلا مۇرەككەپ شەيئىيلەردىكى تۆت ماددا خۇسۇسىيىتىنى ئەكىس ئېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، لېكىن مۇرەككەپ شەيئىيلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق ئوت خۇسۇسىيەت جەملەنگەن، سوغۇق خۇسۇسىيەت جەملەنگەن….. دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ، شۇ مۇرەككەپ شەيئىيلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئوت ماددىسىنىڭ تەسىرى (تەسىرلەنگەن تۆت ماددىنىڭ زاتى ياكى ئارەزى خۇسۇسىيەتلىرى كۈچلۈك ۋە ئۈستۈن ئورۇندا بولغىنى شۇ خۇسۇسىيەتلىك يەنى ئوت خۇسۇسىيەتلىك ياكى ھاۋا خۇسۇسىيەتلىك) بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە كەيپىيات غالىپلىقى مىزاج غالىپلىقىنى بەلگىلەيدۇ، تۆت ماددىدا قەدىمدىن تارتىپ بەلگىلەنگەن كەيپىيات مۇتلەق ئۆزگەرمەي كەلگەن ھەم ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان بەلگىلىمىدۇر ھەم قانۇنىيەتتۇر، ئوتنىڭ كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجىدا بولىدۇ، ئۇ ھەر قانداق مۇرەككەپ شەيئىيدىكى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، ھاۋانىڭ كەيپىياتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، مىزاجى ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق بولىدۇ، ئۇ ھەر قانداق مۇرەككەپ شەيئىيدىكى ھۆل ئىسسىق مىزاجنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، سۇنىڭ كەيپىياتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، مىزاجى ھۆل سوغۇق مىزاجلىق بولىدۇ، ئۇ ھەر قانداق شەيئىيدىكى ھۆل سوغۇق مىزاجنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، تۇپراق قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتلىق بولۇپ، مىزاجى قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىق بولىدۇ، ئۇ ھەر قانداق مۇرەككەپ شەيئىيدىكى قۇرۇق سوغۇق مىزاجنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، كەيپىياتلار نىسبىي ۋە مۇتلەق ئوخشاش ياكى نىسبىي ۋە مۇتلەق قارىمۇ قارشى بولىدۇ، ئۇنداق كەيپىياتلارنىڭ ئىپادىلىنىشىمۇ نىسبىي ياكى مۇتلەق ئوخشاش، نىسبى ياكى مۇتلەق قارىمۇ- قارشى بولىدۇ، ئەگەر ئىككى ماددا ئۆز ئارا تەسىرلەشسە ئۇنىڭ بىرىدە يەككە ھالەتتە كەيپىيات كەمچىلىكى (كەيپىيات دەرىجىسى جەھەتتە ئاجىز بولسا) كۆرۈلسە، يەككە ھالەتتە (ياكى ئىسسىق ياكى سوغۇق، ياكى ھۆل، ياكى قۇرۇق) مىزاج شەكىللىنىدۇ، ئەگەر شەيئىيدە مۇرەككەپلىشىش مۇشۇ يوسۇندا تەرەققىي قىلسا مەلۇم چەككە يەتكەندە مۇرەككەپ شەيئىيدە (مىزاج خۇسۇسىيەتلىرى نىسبى تۇراقلاشقان شەيئىي) ئەسلى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغان مىزاجىمۇ شەكىللىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن ئوت بىلەن سۇ تەسىرلەشسە پەيدا بولغان شەيئىيدە ئەڭ زور دەرىجىدە تۇپراق خۇسۇسىيەتلىك ياكى ھاۋا خۇسۇسىيەتلىك مۇرەككەپ شەيئىي شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن، (ئەسلىدە ئوت ياكى سۇ خۇسۇسىيەتلىك ماددا شەكىللىنىشى مۇقەررەر ئىدى، ئۇلاردا ئەسلىدە كەيپىيات دەرىجىلىرى جەھەتتىن ئۆز ئارا پەرق بولغاچقا شۇنداق تۇپراق خۇسۇسىيەتلىك ماددىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن) مانا بۇ مۇرەككەپ شەيئىيلەردىكى خۇسۇسىيەتنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇڭا ئېيتىمىزكى مىزاج تەلىماتىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تۆت ماددا تەلىماتىنى ياخشى چۈشىنىش، ئىگەللەش مىزاج تەلىماتىنى چۈشىنىشكە مەلۇم شەرت- شارائىت ھازىرلايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button