ئوت ھەققىدە

ئوت ھەققىدە

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇتلەق يەڭگىل جىسىمدۇر، چۈنكى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇنىڭ زىچلىقى ناھايتى كىچىك بولۇپ، يەرشارى ۋە باشقا سەييارىلەرنى ئوراپ تۇرغان ھاۋانىڭ زىچلىقىدىنمۇ كىچىك بولغاچقا، شۇ ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىدا داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ «ئەل قانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىدە، « ئوت ئاددىي جىسىمدۇر، تەبىئىي ئورنى ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك ئورۇننىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئوتنىڭ ئورنى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شۇنداق بىر پېتىنقى يۈزىدە بولۇپ. ۋۇجۇتقا كېلىش ۋە يوقىلىش ئورنى شۇ يەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇندا بولىشى ئۇنىڭ مۇتلەق يەڭگىللىكىدىندۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق » دېيىلگەن .

 ھەكىم سۇلتان ئەلى ئۆزىنىڭ  «دەسترۇلئىلاج» ناملىق ئەسىرىدە ئوت توغرىسىدا توختىلىپ، «ئوت يىگانە جىسىم بولۇپ ئورنى ھەممە ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايتى شالاڭ ۋە رەتسىز دۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ تەسىرىدە پىشىدۇ، ھاۋا ئوتنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن باشقا جىسىملارغا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ سوغۇقلىقى ئوتنىڭ تەسىرىدە تەڭشىلىدۇ» دەپ بايان قىلغان، 

ئوت تەبىئىي يادرو ئېنىرگىيىسى بولغان قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزلار يەرشارىغا تەسىر بولغان ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان يۇلتۇزلار، يەرشارىنىڭ ئۆزىنىڭ يادروسىدىن چىقارغان ئېنىرگىيە، ۋە ئادەتتىكى ئوت (خېمىيىۋى ئۆزگۈرۈش، كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ئوت ) كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن شالاڭ، ئىسسىق، ئۆتكۈر، رەڭسىز، ئەڭ يەڭگىل، مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە ماددا بولۇپ ئۇنىڭ ۋەزىنى مۇتلەق يەڭگىل بولغاچقا دائىم يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. يەرشارى ۋە باشقا پلانىتلارنى قاپلاپ تۇرىدىغان ھاۋا تەبىقىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. 

ئوت تۆت پەسىل ۋە كېچە-كۈندۈزلەردە يەرشارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر قىزىتىش، جىسىملارغا ھاۋا ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى تەركىبلەرگە ئايرىش، پىشۇرۇش، سۇ ھەم تۇپراقنىڭ سوغۇقلۇقىنى تەڭشەش، ماددىلارنى ئېرىتىش، ئۆزگەرتىش، ۋە ماددىلارغا رەڭ بېرىشتەك روللارغا ئىگە، ئورۇن جەھەتتىن ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق، ۋەزىنى مۇتلەق يەڭگىل .

  ئادەتتىكى ئوت بولسا خېمىيىۋى ئۆزگىرىشتىن پەيدا بولغان ئېنىرگىيە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئوتنى تونۇش ۋە ئىشلىتىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، ئۇلار تەبىئەتتىن ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ، ئوتنى ئىختىرار قىلغان، ئۇلار دەسلەپتە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ئورمانلىققا ئوت كەتكەندە، ئوتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بايقاپ، ئوت ئىشلەتكەن. بىز ئىشلىتىۋاتقان ئوت بولسا، كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ ئوكسىگېن تەسىرىدە ئوكسىدلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ئوت يالقۇنىنىڭ رەڭگى يېقىلغۇنىڭ تەركىبىي بىلەن، يالقۇننىڭ كۈچلۈك –ئاجىزلىقى ئوكسىدلىنىش دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىلغۇ تەركىبىدە كاربون، ناترىي ئىئونلىرى بولسا، يالقۇنى سېرىق رەڭدە، مىس ئىئونى بولسا كۆك رەڭدە، خروم ئىئونى بولسا يېشىل رەڭدە، كالىي ئىئونى بولسا قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە… يالقۇنلارنى چىقىرىدۇ. يالقۇننىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يېقىلغۇنىڭ ئوكسىدلىنىشىنىڭ تېز- ئاستىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يېقىلىغۇ تەركىبىدە ئىشقارىي مېتاللار باغ تۈزۈلۈش جەھەتتىن تويۇنمىغان ئالكانلار ياكى ئورگانىك كابون –ھىدرت بىرىكمىلىرى بولسا، ئوكسىدلىنىشى تېز يالقۇنى كۈچلۈك بولىدۇ. ئوتنىڭ ئەتراپىدا بىرخىل ئۆزلۈكسىز مەيدان بولۇپ، بۇ «ئوت مەيدانى » دەپ ئاتىلىدۇ. ئوت مەيدانى ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ، ئۇ مەيداننىڭ كۈچىنىشىنىڭ يۆنىلىشى داۋاملىق يۇقىرغا قارىتا بولىدۇ. 

ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى «مۇپەررىھۇل قۇلۇب» ناملىق ئەسىرىدە «ئوتنىڭ شەكلى سەنوبەر (يىڭنە يۇپۇرماقلىق قارىغاي) نىڭ شەكلىدە بولىدۇ، ئۇنۇڭدىن باشقا شەكىلنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەيدۇ. ئوتنىڭ شالاڭ يەڭگىل بولىشى، يۇقىرىغا ئۆرلىشى، ئۇنىڭ زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زىچلىق ماسسىنىڭ ھەجىمگە بولغان نىسبىتىگە، ياكى ھەجىمنىڭ ماسسىغا بولغان ئەكس تەسىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، قوۋۇس بوشلۇقىنىڭ (ۋاكۇئۇمنىڭ) زىچلىقى مۇتلەق نۆلگە ئىنتىلىدۇ. ئوتنىڭ زىچلىقى بولسا ۋاكۇئۇمنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ، ھاۋانىڭ زىچلىقىدىن كىچىك بولغاچقا شالاڭ، يەڭگىل يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ھەم ھاۋا تەبىقىسى بىلەن ۋاكوئۇمنىڭ ئارلىقىدا تۇرىدۇ. ھەم يىغىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە باشقا ماددىلار، (ھاۋا، سۇ، تۇپرا) نى مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە، ھەركەتلەندۈرۈپ، بېرىكتۈرۈپ، باشقا بىر قۇرۇلما ھاسىل قىلىدۇ، ماسسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك دەرىجىسى زىچلىق ئېتىبارى بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشنىڭ تېز-ئاستىلىقىغا قاراپ، قۇياشقا ئۇخشاش تۇرغۇن يۇلتۇز ياكى باشقا سەييارىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن . ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى تىبابەت ئالىملىرى، تىبابەت بىلەن باغلاپ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندە ياۋرۇپا ئالىملىرى بۇ قانۇننى قايتا پىشىقلاپ ۋە سۈپەتلەپ «ئېنىرگىيە يوقالمايدۇ، يوقلۇقتىن پەيدا بولمايدۇ، ئۇ بىرخىل شەكىلدىن يەنە بىرخىل شەكىلگە ئايلىنىدۇ، ئايلىنىش جەريانىدا ئېنىرگىيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ» دەپ ئوتتورغا قويغان. 

ئوتنىڭ يەنە قىزدۇرۇش، جىسىملارغا ھاۋا ئۆتكۈزۈش (مېكرو تەركىبلەرنى سىڭدۈرۈش)، ئېنىرگىيە تەسىرىدە پارچىلىنىدىغان ماددىلارنى پارچىلاش ۋە ئېنىرگىيە تەسىرىدە بىرىكىدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش تەسىرى بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەتلەر يەنىلا ئوتنىڭ خېمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.   

جىسىملارغا مىكرو تەركىبىلەرنى ئۆتكۈزۈش رولى بولسا، ئوتنىڭ جىسىملارنىڭ مۇكەمملەلىكىنى ساقلاشقا قوشقان مۇھىم رولى بولۇپ، ئۇ رولى ئارقىلىق ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن «ئالەمدە ئالقانچىلىكمۇ بىكار ئورۇن يوق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ئۇيغۇرلارئارىسىدا كەڭ تارقالغان.                    

ئوتنىڭ  ئوت تەسىرىدە پارچىلىنىدىغان ماددىلارنى پارچىلاش، بېرىكىدىغان ماددىلارنى بېرىكتۈرۈش رولى بولسا، كونا شەيئىلەرنى يېڭىلاش خۇسۇسىيىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خۇددى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قېتىشچان ماددىلارنىڭ قېتىپ، پارلىنىشچان قىسمىنىڭ پارلىنىپ ھاۋاغا تارقىلىشى قالغان قىسمىنىڭ تۇپراق تەركىبىگە قوشۇلۇشى، بۇنى ئۆسۈملۈكلەر پايدىلىنىپ يېڭى مەھسۇلاتلار ھاسىل قىلىشى بىلەن تاماق ئەتكەندە تاماققا كېتەرلىك خام ئەشيانى بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتىن پايدىلىنىپ ئاخىرىدا «تاماق» تىن ئىبارەت مۇرەككەپ شەيئىنى بارلىققا كەلتۈرگەنگە ئوخشاش.

يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا ئوتنىڭ قىزدۇرۇش، جىسىملارنى مىكرو تەركىبلەرگە ئايرىش، ھەم جىسىملارغا مىكرو تەركىبلەرنى سىڭدۈرۈش، پارچىلىنىدىغان ماددىلارنى پارچىلاش، ئېرىتىش، بىرىكىدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش ئۇنىڭ خېمىيىۋى خۇسۇسىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ماددا شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئوت خۇسۇسىيىتىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر . 

سوغۇقلۇقنى تەڭشەش، ماددىلارغا رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتى بولسا، سۇ ۋە تۇپراق تەبىقىلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىنى ئاساس، قۇياشتىن كەلگەن ئېنىرگىيىلەرنى قوشۇمچە قىلىپ تەڭشەيدۇ. چۈنكى قۇياشتىن كەلگەن ئېنىرگىيە مەجبۇر رادىئاتسىيە شەكلىدە كەلگەن ئېنىرگىيىدۇر. ھەرگىز مۇ يەرشارىدىكى ئوت يۇقىرغا، قۇياشتىكى ئوت تۆۋەنگە ماڭىدۇ دەيدىغان قاراش خاتا قاراشتۇر، چۈنكى يەرشارىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ئوت ھەممە ماددىلارنىڭ ئۈستىدە تۈرىدۇ. قۇياشقا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭ يۆنىلىشى ھاۋا تەبىقىسىنىڭ مۇتلەق يۇقىرسىغا قارىتا بولىدۇ. قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ يەر شارىغا يېتىپ كېلىشى مەجبۇرىي رادىئاتسىيە ۋە مەجبۇرى ئەۋەتىلىشتۇر. قۇياشتىن شۇنچە يۇقىرى تېزلىك بىلەن چىققان رادىئاتسىيە، چۇقۇمكى ئۇنى قارشى يۆنىلىشتىكى (يۆنىلىش خالىمايدىغان) ئورۇنلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇ نۇقتىنى خۇددىي يۇقىردىن سۇغا تاشلانغان بىرتال ياغاچنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. 

ياغاچ يۇقىردىن سۇغا تاشلانغاندا مەلۇم ئېغىرلىق كۈچ پوتېنسىئال ئېنىرگىيىسىگە ئىگە بولغانلىقتىن، سۇڭا شۇڭغۇيدۇ، شۇڭغۇپ مەلۇم چوڭقۇرلۇققا بارغاندا ئېغىرلىق كۈچ پوتېنسىئال ئېنىرگىيىسىدىن سۇنىڭ سىقىش كۈچى چوڭ بولۇپ، يەنە ئەسلىگە قايتۇرۇلۇپ سۇ يۈزىدە لەيلەيدۇ . 

مانا بۇ قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ياكى ئوتنىڭ ھاۋا تەبىقىسىدىن يۇقىرغا ئۆرلىشى بىلەن ئوخشىشىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. 

ئوتنىڭ جىسىلارغا رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتى بولسا، يورۇقلۇق (ئوتنىڭ ئالاۋى) يەتتە خىل رەڭلىك نۇرنىڭ ئارلاشمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، جىسىملار ئۆزىگە چۈشكەن يورۇقلۇق تەركىبىدىكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم مۇناسىپ بولغان نۇرنى سۈمۈرېۋىلىپ، قايتۇرۋەتكىنى شۇ جىسىمنىڭ رەڭگى بولۇپ كۆرۈلىدۇ، بۇنى ھازىرقى زامان رەڭ سىپىكتر تەلىماتى ۋە پىلانىكنىڭ قاراجىسىم رادىئاتسىيە تەلىماتى تامامەن ئىسپاتلايدۇ. 

ئوتنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دېگەن رولى بولسا، ئوتنىڭ يۇقىردا ئېيتىلغان بارلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئوتنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتىغا جەملەنگەن بولۇپ شۇنىڭغا قارىتىلغان.

ئىبىنسىنا «يۈرەك دورىلىرى» ناملىق كىتابىدا «كەيپىيات خۇسۇسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەيدۇ. 

ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا ئوت، يەككە جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق، رەڭسىز ھەم رەتسىز بولىدۇ . ئۇنىڭ ئورنى ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك ھەممە جىسىملارنىڭ ئۈستىدىدۇر، ئۇنىڭ پەيدا بولىشى كۆپىنكى يۈزىدە، يۇقۇلىشى پېتىنقى يۈزىدە بولىدۇ. ماددى دۇنياغا نىسبەتەن كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە قۇياش نەزەردە تۇتۇلىدۇ، ئادەم بەدىنىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئوتنىڭ خۇسۇسىيىتى ماددىي دۇنيادا كۆرسۈتۈلىدىغان ئوتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشىشىدۇ. بەدەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوتنىڭ كۆرۈنىشى يوق پەقەت تەسىرىلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىرخىل مەيدان بولۇپ (ماگنىت مەيدانىغا ئوخشاش)، ئۇنىڭ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغاندا ئوتنىڭ ئۆزى بىرخىل رادىئاتسىيەدىن ئىبارەت بولۇپ، دولقۇن شەكلىدە ئوت چىقارغۇچى جىسىم ئەتراپىدا بىر يۆنىلىشتە مەيدان شەكلىدە ئۈزلۈكسىز تارقالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇقى تەركىبىدە يەتتە خىل رەڭلىك نۇر ۋە بىر نەچچە خىل ئېلكتىر ماگنىت دولقۇنى بولىدۇ. ئادەتتە ئوتنىڭ رەڭلىك بولىشى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىندۇر، ئۇ تارقاتقان يورۇقلۇق ھەم زەرىچىلىك ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئايرىم-ئايرىم تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندۇر. ئۇ ماددىلارنى ئېرىتىش، پىشۇرۇش، ۋە تۇپراقنىڭ ئارتۇقچە سوغۇقلۇقىنى پەسەيتىش، ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇش، ماددا ھەرىكەت ھالىتىنى تېزلەشتۈرۈش، ھەم ئۇنىڭدىكى قۇرۇقلۇق جىسىملارنىڭ بوش، ئاجىز قىسمىنى پارلاندۇرۇش، ماددىنى چىڭىتىش، باشقا جىسىملارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، قاتارلىق رولى بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى سۇ تېزگىنلەيدۇ. 

ئوتنىڭ ئادەم ئورگانىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئوت ئۆزنىڭ ھەرخىل تەسىرلىرى ئارقىلىق بەدەندىكى ھەر قايسى سىستىمىلارغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى بىرىدۇ. تۆۋەندە ئۇلار ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button