ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھەققىدە چۈشەنچە

ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەللىكلەرنى داۋالاش نۇقۇل ھالدا دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دورا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن سىرت، يەنە كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن روھى داۋالاش،ھەركەت قىلدۇرۇپ داۋالاش، ئۇيقۇ-ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش، يېمەك-ئېچمەك ئارقىلىق داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، كۈن نۇرى بىلەن داۋالاش،قۇمغا كۈمۈلدۈرۈپ داۋالاش، ئارشاڭ ئارقىلىق داۋالاش، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش،ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ياكى سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش، قان ئېلىپ داۋالاش، داغلاپ داۋالاش، قۇستۇرۇپ داۋالاش، كىلىزما قىلىپ داۋالاش قاتارلىق ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى كۆپ قوللىنىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button