ئاچچىق ئانار
خەنزۇچە نامى:酸石榴
تونۇش: بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ ئاچچىق ئانار دەرىخى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ ئاچچىق تەملىك مېۋىسى <ئاچچىق ئانار> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىش، خاپىغان ۋە كەيپ قىلىشتىن بولغان مەستلىكنى يوقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئىسسىقتىن بولغان خاپىغان، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ئېغىز جاراھەتلىرى، قۇلاق جاراھەتلىرى، قىچىشقاق، ھەرخىل ئىششىق ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەرخىل ئىچىملىك ۋە چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىقىپ سۈيى چىقىرىلىپ ئىچىلىدۇ ياكى سىرتتىن چېپىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 25-30 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: زەنجىۋىل، جويۇز.
ئورۇنباسارى: تەلۋە ئانار.
چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.