ئاياللار تۇرمۇش

قورساق قاتلاش ئارقىلىق بالىياتقۇنى ئاسراش

ئاياللار كېسەللىكلىرى بىر كۈندىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللىك ئەمەس. ئەمما تۇرمۇشتا مەقسەتلىك ھالدا مەلۇم كىچىك ھەرىكەتنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بېرىدۇ. قورساق قاتلاش دەل بۇنىڭ بىر تۈرى.
قورساق قاتلاش بەدەن مۇسكۇللىرىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە سوزۇلۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەشىق تۈرى بولۇپ، قورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي بەلكى ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا قوشۇمچە رولى بار.
ئامېرىكا «ئالدى ئېلىش» ژورنىلىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %86 ئۇزۇن مۇددەت قورساق قاتلاش مەشىقى بىلەن شۇغۇللانغان ئاياللاردا ئاياللار كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈشى ئادەتتە قورساق قاتلاش مەشىقى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئاياللاردىن %55 تۆۋەن بولىدىكەن.
بىرىنچى، قورساق مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغاندا، قورساق قىسىم مۇسكۇللىرىنى تارايتىش ئارقىلىق قورساق قىسىمدىكى ئەزالارنى ياخشى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، دۈمبە قىسىم مۇسكۇللىرىنى، پەي، ئۇمۇرتقا قاتارلىقلارنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، چاتراق (腹股沟) نى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. چاتراقتا نۇرغۇنلىغان قىل قان تومۇر (毛细血管) ۋە پەللىلەر (穴位) بولۇپ، قورساق قاتلاش ئارقىلىق چاتراقتىكى قان تومۇرنى غىدىقلاپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار كېسەللىكىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، قورساق قاتلىغاندا مۇۋاپىق نەپەسلىنىش كېرەك. ئارقىغا چۈشۈرگەندە نەپەس تارتىشنى باشلاپ، دۈمبە قىسىم پالاس (垫)قا تېگىشكەندە نەپەسنى توختىتىپ (屏气) قورساقنى يىغىش، بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىنى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈپ، بەدەن يۇقىرى قىسىمىنى كۆتۈرۈش جەريانىدا قورساقتا كۆپۈش تۇيغۇسى (胀感) بولغاندا، تىزدىن نەپەس چىقىرىپ ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. دائىم قورساق قاتلاش مەشىقى قىلغاندا، قولىمىزنى پاتاڭغا قويۇپ پاتاڭنى چىڭ تۇتىمىز. ئەمما ئاياللار قورساق قاتلىغاندا، ئىككى قولدا پاتاڭنى تۇتماستىن بەلكى ئىككى قولىنى قۇلاق قىسمىغا قويۇپ قورساق قاتلايدۇ. بۇنداق بولغاندا قورساق قىسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئاياللار قورساق قاتلاشتا، ئەڭ ياخشىسى دەسلەپ قاتلاشنى باشلىغاندا 10 قېتىمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، بىر كۈندە ئاز بولغاندا 3 گۇرۇپپا ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 30 ياشلىق ئاياللار ئەڭ ياخشىسى مىنۇتىغا 40~45 قېتىم قورساق قاتلىشى؛ 40 ياشلىق ئاياللار مىنۇتىغا 35 قېتىم ئەتراپىدا قورساق قاتلىشى؛ 50 ياشلىق ئاياللار مىنۇتىغا 20~30 قېتىم قاتلاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەيز مەزگىلىدە قورساق قاتلىماسلىق كېرەك، بولمىسا جىددىي ھەرىكەت قاننىڭ بالىياتقۇ بوشلۇقى (子宫腔) دىن ئارقىغا يېنىپ داس بوشلۇقى (盆腔) غا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button