ئاياللار تۇرمۇش

ئېرىڭىزنىڭ ھاياتى سىزنىڭ قولىڭىزدا

ئېرىڭىزنى قانداق قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ھەتتا ھېچقانداق ئىزنا قالدۇرماسلىقنى ئويلاپمۇ قالامسىز؟
سىزگە ئېيتسام بۇ ناھايىتى ئاسان. پەقەت ئۇنىڭ كۈنلۈك تامىقىغا مايلىق، يۇقىرى كراخماللىق تائاملارنى يېگۈزۈپ، ھەرىكەت قىلدۇرماي كۆپرەك ئۇخلىتىپ، ئېغىرلىقىنى ھازىرقىدىن %25 ~%15 ئاشۇرىۋەتسىڭىزلا بولدى. ئاندىن كېيىن، سىز ئولتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ «تۇل خوتۇن» بولۇش چۈشىڭىزنى كۆرىۋەرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ چۈشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھازىردىن ئۇزاق ئەمەس.
تەتقىقاتلارغا كۆرە، 50 ياشتىن سەلگىنە ئۆتۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەرلەرنىڭ سانى شۇ خىل ئاياللاردىن %80~%70 كۆپ ئىكەن. ئامېرىكىلىق دوكتور دۇبلىن ئۆزىنىڭ «ئېرىڭىزنى قەستلەشنى توختىتىڭ» ناملىق ماقالىسىدە: « 40 يىلدىن بۇيان مەن بىر ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدە ستاتىستىكىلاش خىزمىتى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھاسىل قىلغان خۇلاسەم شۇكى، نۇرغۇن ئەرلەر ئەجىلى توشماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۆز بۇرچىنى ئېھتىيات بىلەن ئادا قىلىپ ئەرلىرىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان بولسا، بۇ ئەرلەر بەلكىم بۇنچە بالدۇر ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى … » دەيدۇ.
ئامېرىكىلىق مېتابولىزم كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى براك « ئەرلەر نېمە ئۈچۈن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ » دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
– سىز ئېرىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدا تىرىشماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ھاياتىنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ… ھازىر قولىڭىزدا بىر خىل ئىقتىدار باركى، سىز ئېرىڭىزنىڭ ھاياتىنى ئۇزاتالايسىز. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن بولسا، يېرىم ئاچلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مەدىكار-مېھنەتكەشلەر سىزنىڭ ئېرىڭىزگە قارىغاندا ئۇزاقراق ياشايدۇ…
بۇ ھەقتە يەنە، ئامېرىكىلىق بىر جەمئىيەتشۇناس تېخىمۇ يومۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: – تارىختىن بېرى ئىنسانلار ئىچىدە داستىخان ئۈستىدە ئۆلگەنلەر جەڭگاھتا ئۆلگەنلەردىن كۆپ.
ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇكى، ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئايالغا باغلىق. ھەتتا، ئەرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ ئايالىنىڭ قانچىلىك كۈتۈشىگە باغلىق.

ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ ئۇزۇنراق ياشىشىنى، ساغلامراق بولۇشىنى ئىستىسىڭىز، تۈۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىڭ:

  1. ئېرىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
    ئېرىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا خۇددىي ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلغاندەك دىققەت قىلىڭ، پەخەس بولۇڭ. ئەگەر ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن بولسا، كۈندە تەييارلاپ بېرىۋاتقان ئاش-تاماقلارنىڭ تۈرىگە ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە دىققەت قلىڭ.
    2. ئېرىڭىزنى يىلدا 1 قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سىستېمىلىق بەدەن تەكشۈرۈتۇپ تۇرۇڭ.
    سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئالدىنى ئېلىش – كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. يۈرەك كېسەللىكى، راك، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە دىئابېت كېسەللىكىدىن ئۆلگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىكىنى دەسلەپكى مەزگىلدىلا بىلگەن بولسا، ئالدىنى ئېلىشقا، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزگىنلەشكە بولاتتى.
    نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ماشىنىلىرىغا كۆيىنىدۇ، ئېتىبار قىلىدۇ، بۇزۇلسا ۋاقتىدا رېمونت قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە ئۇنچىۋالا كۆيۈنمەيدۇ، ئېتىبار قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىڭىزگە چوقۇم دىققەت قىلىڭ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇڭ.
    3. ئېرىڭىزنى بەك قاتتىق ئىشلىتىۋەتمەڭ.
    نيەت-ئىقبالنىڭ بەك چوڭلۇقى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇنى ئۇزاق ياشاپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ئىلاجىسىز قىلىپمۇ قويىدۇ. ئەگەر يۇقىرى مەرتىۋە ۋە كۆپ دۇنياغا ئىگە بولۇشنىڭ بەدىلى بەخىتسىزلىك ياكى بالدۇر ئۆلۈش بولسا، ئېرىڭىزنىڭ ئەلقاتارى مەرتىۋىدە بولۇشىغا ۋە كەمرەك پۇل تېپىشىغا ماقۇل دەڭ. بىر ئايالنىڭ پوزىتسىيىسى كۆپىنچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
  2. ئېرىڭىزنى تولۇق دەم ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ.
    ھارغىنلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئېپى چارچاشتىن بۇرۇن دەم ئېلىشتۇر. قىسقىغىنا يەڭگىللىك كەيپىياتى كىشىنى چۈچىتىدىغان ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئۆيگە كەلگىنىدە، ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن 20~10 مىنۇت ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرۇڭ. كەچلىك تاماقتىن بۇرۇنمۇ ئازراق دەم ئېلىۋېلىشقا دەۋەت قىلىڭ. بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆمرىنى بىر نەچچە يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
  3. چېھرىڭىزدىن شادلىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.
    غۇدىرپ تۇرىدىغان، ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان خوتۇن ئەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ زور دۈشمەندۇر.
    ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى ئەھمىيىتى شۇكى، سالامەتلىك بىلەن تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، ئاياللارنىڭ خالاش-خالىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئەرلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە قارىتا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button