قاندىكى شىكەرنى چۈشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرى
مەن 1993- يىلى ئۆزۈمنى تەكشۈرۈتكىنىمدە، سۈيدۈكتىكى شېكەر «4+» چىقىپ Ⅱ دەرىجىلىك دىئابىت كېسىلى دېگەن دىئاگنوز قۇيۇلدى. شېكەر مىقدارىنى چۈشۈرىدىغان ھەرخىل دورىلارنى يېسەممۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئامېركىغا تۇغقان يوقلىغىلى بارغىمدا، ئۇزاق مۇددەت خەيدە يېسە، قاندىكى شېكەر مىقدارىنى چۈشۈرىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تاماق ئۈستىلىمدىن خەيدەيدە تەييارلانغان خام سەينى ئايرىمىدىم. بىر ئايدىن كېيىن تەكشۈرتسەم، قاندىكى شېكەر مىقدارى تۆۋەنلەپتۇ. ئەمدى دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش شارائىتى يارىتىلدى دېگەن ئويدا ئۇنى يېيىشنى نەچچە كۈن توختاتسام قاندىكى شېكەر مىقدارى يەنە ئۆرلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن دورا بىلەن خەيدەينى تەڭ يېيىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇردۇم. خەيدەي يېيىشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ. مەن ئادەتتە خام سەي قىلىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇسۇلى مۇنداق: خەيدەي ئىلمان سۇدا يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن سۇغۇق سۇغا چىلىنىدۇ. كۆپۈكلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايناقسۇغا چىلىنىدۇ. ئاندىن سۈزۈۋېلىنىپ، سامساق قىيمىسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى بىلەن يېيىلىدۇ. ( چىن شيۇگۇي)