شېكەر سىيىش كېسەللىكى ۋە قەۋزىيەتنى داۋالاشنىڭ رېتسېپى
مەندە شېكەر سىيىش كېسەللىكى بار ئىدى، يەنە ئېغىر قەۋزىيەتمۇ مېنى ئاۋارە قىلاتتى ( دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، شېكەر سىيىش كېسەللىكى بارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قەۋزىيەت بولىدىكەن). بەزىدە 3~4 كۈنگىچە چوڭ تەرەت كەلمەي، قورسىقىم كۆپۈپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇش- تۇرۇشۇم قىيىنلىشىپ، ئىنتايىن بىئارام بولاتتىم. بىر دوستۇم بۇ ئەھۋالىمغا قارىتا مۇنداق بىر رېتسىپ كۆرسەتتى. 100 گرام پالەك يىلتىزىنى يۇيۇپ تازىلاپ ئۇششاق توغراپ، ئون گرام ئاق مور بىلەن قوشۇپ بىر نەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن قاينىتىلىدۇ. تەييارلانغان سۈيى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلغانىدىم. دەرۋەقە ئۈنۈمى بولدى. ( گاۋ ليەنچۈن)
مەن شېكەر سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغىلى ئون يىلدىن ئاشتى. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندىم. ئۇزاق مۇددەت دورا يېدىم. ئوكۇل ئۇرغۇزدۇم. بىراق ئۈنۈمى كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىدى. قاندىكى شېكەر مىقدارى يەنىلا يۇقىرى ھالەتتە تۇرۇۋەردى. پۇت- قولۇمدا ماغدۇر يوق، ماڭسام ھالسىرايمەن، بېلىم ئاغرىيدۇ. بۇ ئەھۋالىمغا قارىتا بىر ياشانغان كىشى مۇنداق رېتسىپ بەردى: قارا پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق، چىلان، خاسىڭ مېغىزىنىڭ ھەر قايسىسىدىن يەتتە تال، بىر ياڭاقنىڭ مېغىزى ۋە ئىككى تۇخۇم ھەممىسى قوشۇلۇپ، 20 مىنۇت ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. ( تۇزمۇ، مايمۇ سېلىنمايدۇ). تەييار بولغاندا ئەتىگەندە ناشتىلىق ئورنىدا يېيىلىدۇ. مەن ئىككى ئاي يېگەندىن كېيىن قاندىكى، سۈيدۈكتىكى شېكەر ماددىسى زور دەرىجىدە چۈشتى، ماغدۇرسىزلىق ئەھۋالىم تۈگەپ، ماڭسام ھالسىرمايدىغان بولدۇم، بېلىممۇ ئاغرىمايدىغان بولدى. ( گاۋ لىيەنچۈن )
قوشۇمچە: ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەت.
مەن بۇ رېتسىپنى ئىككى ئاي ئىشلەتكەن ئىدىم. دەرۋەقە قاندىكى ماي مىقدارى خېلىلا چۈشتى. يۈگۈرسەم پۇتۇم سىرقىراپ ئاغرىمايدىغان، بېلىم تالمايدىغان بولدى. پۇتلىرىمنىڭ ئىششىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. مەن ئەستايىدىل داۋالىنىش جەريانىدا بۇ رېتسېپنى ئىشلەتسە ئاقسىلنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ھېس قىلدىم. (1) بۇ رېتسېپنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئاقسىللىق نەرسىلەرنى، بولۇپمۇ ھايۋانات ئاقسىلى تەركىبلىك نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك ئىكەن؛ (2) بۇ رېتسىپنى ئىشلىتىش مۇددىتىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەسلىك، داۋاملىق تەكشۈرتۈپ تۇرۇپ، قاندىكى شېكەر مىقدارى چۈشكەن ھامان دورا ئىچىشنى توختىتىش كېرەك ئىكەن؛ ئۇنداق بولمىغاندا دورا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى شېكەر ماددىسى ئۆرلەپ كېتىدىكەن. يەنە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى كۆرۈش كېرەك ئىكەن. ( ۋاڭ شىياۋ)