جىگەر كېسەللىكلەرى
سوزۇلما ئۆت ياللۇغى
سەۋەبى: غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىغا ئارىلىشىپ ئۆت خالتىسىغا كىرىپ قېلىشىدىن، ئۆت سۇيۇقلۇقى قويۇلۇپ 12 بارماق ئۈچەيگە كېلەلمەسلىكىدىن ئاشقازان ھەم ئۆت يەڭگىل دەرىجىدە ياللۇغلىنىدۇ.
ئالامىتى: قورساق ئاچماسلىق، ئاشقازان، جىگەر ساھەسى بىر ئاز كۆپۈشكەندەك بولۇش، ئېغىز قۇرۇش، ئاچچىق، ئۇسسۇزلۇق، قىزىتما بولماسلىق، چوڭ تەرەت خىرە بولۇش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.