دىئابىت كېسىلىدىن ساقلىنىشنىنڭ چارىسىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 18- مارت تېلېگراممىسى، ئامېرىكا تەتقىقاتچى خادىملىرى يېقىندا تارقاتقان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆك مېۋە ۋە ئالمىنى كۆپ يەپ بەرگۈچىلەرنىڭ II دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. ئەمما تەتقىقاتچى خادىممۇ، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات پەقەت بۇ ئىككى خىل مېۋە بىلەن دېئابىت كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىلا چۈشەندۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى خىل مېۋە II تىپلىق دېئابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دىگەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشكەن بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتىدا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تەخمىنەن 200 مىڭ سەھىيە ساھەسى كەسپىي زاتلىرىنىڭ 24 يىللىق ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. تەتقىقات ئوبېكتى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش قەغىزىگە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم يېمەك – ئىچمەك ئىستېمال ئادىتى توغرىسىدا جاۋاب يېزىشى زۆرۈر.
تەتقىقات باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بارلىق تەتقىقات ئوبېكتى بىردەك دىئابىت كېسلىگە گرىپتار بولمىغانلار بولۇشى كېرەك. ئەمما، تەتقىقات مەزگىلىدە جەمئىي 12 مىڭ 600 ئادەم II تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى دوكلات قىلىنغان. باشقا ئامىللار چىقىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن، كۆك مېۋىنى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ II تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆك مېۋىنى ئاز ئىستېمال قىلغۇچىلارغا قارىغاندا 23% تۆۋەن بولغان. ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ 5 دانە ئالما يېگۈچىلەرنىڭ II تىپلىق دىئابىت كېسلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئالما يېمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئوخشاشلا 23% تۆەن بولغان.
II دىئابىت كېسىلى يەنە قورامىغا يەتكەنلەر قوزغىلىشچان دىئابىت كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئالاھىدىلىكى بولسا ئىنسۇلىن قارشىلىقىدىن ئىبارەت، يەنى بەدەندە ئىنسۇلىن پەيدا قىلالايدۇ. ئەمما بەدەن ئىچىدە ئىنسۇلىنغا قارىتا رولى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. نورمال مىقداردىكى ئىنسۇلىن نورمال ھالدىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە داۋاملىق چېنىقىش II تىپلىق دىئابىت كېسلىگە گرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىەلەيدۇ.