جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار سۈتنى قانداق ئىچىشى كېرەك ؟

سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا ، ئوزۇقشۇناسلار جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان سۈت ئىچىشى كېرەك ، دەپ قارايدۇ ، لېكىن بەزى كىشىلەردە سۈت ئىچكەندىن كېيىن ، ئىچ سۈرۈش ، قورساق كۆپۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى — سۈت ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدا ، يەنى ئادەتتە سۈتنى يۇتۇملاپ ئىچكەندە زور مىقداردىكى سۈت ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئۇچرىشىپ ، كىسلاتالىق مۇنەك ئاقسىل ياغلىرىغا ئۆزگىرىپ ، ئاسان ھەزىم بولۇپلا قالماي ، يەنە جىگەر كېسىلى ، ئاشقازان – ئۈچەي رولى ئاجىز كىشىلەردە ، ئىچ سۈرۈش ۋە باشقا غەيرىي ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا سۈتنى ئالدىرىماي ، قوشۇق بىلەن ئاز – ئازدىن يۇتقاندا ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي سۈت بىلەن بىرىكىپ ، سۈت تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ تېز ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ .

      سۈت ئىچكەندە شېكەرنى كۆپ ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك . چۈنكى شېكەر بەدەندە ئېرىگەندىن كېيىن ، كىسلاتاغا ئايلىنىپ ، سۈت تەركىبىدىكى كالتىسي بىلەن نېتراللىشىپ ، سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ قالماي ، يەنە ھۈجەيرىلەرنى كۆپەيتىپ ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، سۈت بىلەن سودا قوشۇلغان پىرەنىكنى بىللە ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ . سۈت بىلەن پىرەنىكنى ئالدىرىماي چايناپ ، ئاز – ئازدىن يۇتقاندا ، سۈت ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button