جىگەر كېسەللىكلەرى
جىگەر كېسىلى بارلار ھاراق ئىچمەڭ
ئىسپىرت تەركىبىدىكى ئاتسېتالدېگىد ۋە ئالكوگول جىگەرگە زىيانلىق بولۇپ ، B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋە جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھاراق ئىچسە ، جىگەر كېسىلى ئاسان قوزغىلىپ ، جىگىرى تېخىمۇ ئاجىزلاپ ، ھەتتا راكقا ئايلىنىپ كېتىدۇ . شۇڭا مەيلى ئىسپىرىت تەركىبى يۇقىرى ئاق ھاراق ياكى ئىسپىرىت تەركىبى تۆۋەن پىۋا ۋە ياكى ساقلىق ساقلاش رولىغا ئىگە قىزىل ھاراق بولسۇن ، ھېچقايسىسىنى ئىچىشكە بولمايدۇ . B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋە جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم ئىنچىكە ئوسۇڭ ، بامبۇك نوتىسى ئىستېمال قىلىشى كېرەك ، بۇنىڭ جىگەرنى قوغداش ۋە جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپلا قالماي ، بەلغەمنى تۈگىتىپ ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، زەھەرنى ھەيدەغ رولىمۇ بار .