جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەر سانجىقى (جىگەر قۇلۇنجىسى، سەپرا تاش كېسلى )

     سەۋەبى: گۆش-ياغ ۋە ھاراق-شارابلارنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىش تۈپەيلىدىن سەپرا ماددىسى كۆپلەپ ئىشلىنىپ، ئۆتتىكى ھارارەت ۋە بېسىم ئارتىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقى قۇيۇلىدۇ، قۇيۇلغان قىسىمى ئۆز ئارا بېرىكىپ مۇنەكلىشىش بىلەن تەدرىجىي ھالدا تاشقا ئايلىنىدۇ ياكى قۇيۇلغان سەپرا ماددىسى چۆكمە قىلىپ تاشقا ئايلىنىدۇ. بۇ تاشلار ئاساسەن ئۆتتە پەيدا بولىدۇ. سانى بىر نەچچە دانىدىن نەچچە ئون دانىغىچە ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ تاشلارنىڭ رەڭگى قارامتۇل يېشىل، كۈل رەڭلەردە بولىدۇ. ھەجىمى چوڭ-كىچىك ھەر خىل كېلىدۇ. شەكلى يۇمىلاق، سوقىچاق ياكى ئىككى تەرىپى يۇمىلاق ياكى ياپىلاق ياكى كۆپ بۇرجەكلىك بولىدۇ. يېڭى پەيدا بولغانلىرى ئېغىر، كونىلىرى يىنىك بولىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىسسىقلىقنى كۆپ قىلىش، گۆش ۋە كاۋاپلارنى يېيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت قىلماسلىق، جىسمانىي ئەمگەك قىلماسلىق، بەك سېمىزلىك، ھۇرۇن ۋە سۇسلۇق قىلىش قاتارلىقلار جىگەردە ھارارەتنى كۆپەيتىدۇ. سەپرا كۆپ ئىشلىنىپ ئۆت خالتىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. داۋاملىق قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەلنى پەيدا قلىشقا سەۋەپچى بولىدۇ.
      ئالامىتى: ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغىلار ئارىسىدا تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش پەيدا بولۇپ، بىمارنى بىئارام قلىدۇ. ئاغرىق سانجىقى قورساق، ئاشقارزان، دولا ۋە بۇيۇننىڭ ئوڭ تەرىپىگىچە تارقىلىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ ياكى قۇسىدۇ. بەزىدە ھېق تۇتىدۇ، قورسىقى كۆپىدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ. تومۇرى ئاستا سوقىدۇ. چىرايى تۇتۇق بولۇپ، پەرىشان كېلىدۇ. بەزىدە ئاغرىق بەك قاتتىق تۇتسا بىمار ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ تۇتقاقلىق قوزغىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى  مۇنەكلەشكەن سەپرا تاشلىرى مەيلى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىكى قوزغىلىشلار تۈپەيلىدىن بولسۇن ئۆت يوللىرىدا تۇرۇۋېلىپ قاتتىق ئاغرىق پەيدا قىلىپ بىمارنى ئازابلايدۇ. سەپرا تېشى يول ئاغزىدىن قايتقاندا ئاغرىش پەسىيىپ قالىدۇ. ئەگەر تاش ئۆت يولىدا توسۇلۇپ قالسا يەرقان (پۈتۈن بەدەنگە سېرىق چۈشۈش) نى پەيدا قلىدۇ.
     داۋاسى:  ئالدى بىلەن ئاغرىق ئازابىنى پەسەيتىش چارىلىرىنى قىلىش، كېسەلنىڭ تۇتۇش دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تاشلارنى پارچىلاپ ئېرىتكۈچى دورىلار بېرىش لازىم. كېسەل تۇتقاندا كۆكنار پوستىنى قاينىتىپ سىرتتىن تېڭىش، مەئجۈنى دەبىدۇلۋەرتىن 7 گرام ئېلىپ 48 م ل دىن ئېلىنغان قۇلماق شەربىتى ياكى بۇزۇرى شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچكىزۈلىدۇ ياكى بۇ نۇسخا بېرىلىدۇ: گاۋزەبان، بابۇنە گۈلى، يۇمىلاق زىراۋەندىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گرام، چاققاق ئۇرۇقى، ئاق لالە ئۇرۇقى، بادىرەنجى بۇيا، قەنتەرىيونلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئېلىپ، 500 م ل دىن ئېلىنغان شوخلا ۋە كاسىن گۇلابلارغا چىلاپ، دەملەپ، سۈزۈپ، 36 م ل بۇزۇرى شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.
      تاش پارچىلايدىغان تالقان: پىرسياۋشان، ئوغرى تىكەنلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 7 گرام، ھەببى قۇلىت (بىر قىسىمى ماش ياكى پۇرچاق)، رەۋەنلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گرام، ھەجرۇليەھۇدتىن 7 گرام، كۆيدۈرۈلگەن چايان گۈلىدىن 3 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 36 گرام ئېلىپ تالقانلاپ، بىر قېتىمدا 24 گرامدىن  ئېلىپ ئەنجۈر شەربىتى بىلەن ئچىلىدۇ. ئەگەر جىگەردە توسالغۇ بولغانلىقتىن ئاغرىق پەيدا بولسا بۇ نۇسخىنى بەرسە بولىدۇ: جاۋارىش زەرئۇنىدىن 12 گرام ئېلىپ يەپ ئاندىن كېيىن قۇلماق ئۇرۇقى (تۇخۇمى كىشۇش)، رۇم بادىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 5 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى شىرىسىدىن 3 گرام ئېلىپ بۇلارنىڭ شىرىسىنى قايناق سۇدا چىقىرىپ 48 م ل بۇزۇرى شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.
     ئالىي دەرىجىلىك مۇجەررەپ نۇسخا: مۇقەلدىن بىر گرام ئېلىپ 36 م ل زەيتۇن يېغىدا قاينىتىپ ئېرىتىپ 24 م ل دىنار شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئچىلىدۇ.
     ئۇزۇقلىنىش: غىزاسى ئۈچۈن ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەر جۈملىدىن ئەينۇلا مۇرابباسى، لىمون شەربىتى، ئاچچىق ئانار شەربىتى، ئاپېلسىن شەربىتى، نەشپۈت، ئامۇت قاتارلىق جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتكۈچى نەرسىلەر ئىستېمال قلىنىدۇ. چوڭ ھايۋان گۆشلىرى، تۇخۇم، ھالۋا، كاۋاپ قاتارلىق ئېغىر، تەستە سىڭىدىغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button