جىگەر ئاجىزلىقتىن بولغان مېڭە كېسەللىكى
سەۋەبى: جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلىقىدىن قان ئازلىق يۈز بېرىپ مېڭىگە قان يېتىشمەي مېڭە ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى: بەزىدە ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپ يېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ھەمدە كۆپ گەپ خالىمايدىغان، بىردەم ئويلانسا مېڭە ئاغرىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر بىلەن بىرگە، كەيپىياتى بىراقلا ئۆرلەپ كۆپ سۆزلەيدىغان، سەۋەبسىز كۈلىدىغان، سەۋەبسىز خۇشاللىنىدىغان، بەزىدە ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىمار ئۆزىنىڭ بەدىنىدە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئېچىشىپ ئاغرىش بارلىقىنى، ئىچىنىڭ تىت تىت بولۇپ روھى جەھەتتە جىددىيلىشىپ قالىدىغانلىقىدىن، بەدەنلىرىدە يەڭگىل سانجىق بارلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى يەنى بىر سەۋەب جىگەردە ۋە جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەردىلەرگە ئورۇنلاشقان يەلدۇر. كېسەلدە كۆرۈلىدىغان يەنە بىر ئالامەت قول بارماقلىرىنى تۈزلىگەندە بارماقنىڭ تىترىگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. كېسەلدە يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە قالايمىقان سۆزلەيدىغان، ئۆزىنى ئۇيان-بۇيان تاشلايدىغان، ئەتراپىدىكىلەرنى تونۇمايدىغان، سورىغان سوئاللارغا قالايمىقان جاۋاب بېرىدىغان روھىي ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاخىرقى دەۋىرگە كەلگەندە كېسەل پۈتۈنلەي ھوشىنى يوقىتىدۇ، چاقىرسا جاۋاب بەرمەيدۇ، نەپەس ئاستا، چوڭقۇر بولىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى بەزىدە ئاستا، بەزىدە تېز بولىدۇ. بۇلار مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ھەمدە قاننىڭ قويۇلۇپ توسالغۇ پەيدا قىلىشى بىلەن مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مېڭە يىگىلەش دەۋرىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ.