جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

سۇلۇ : تەركىبىدە مول لىنول كىسلاتاسى ۋە گلۇكوزىد بولۇپ ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن  ۋە گىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ .
   قوناق : تەركىبىدە كالتسىي ، سېلىن ، فوسفورلۇق ماي ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلار مول بولۇپ ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ .
   لامىنارىيە : تەركىبىدە تائورېن مول بولۇپ ، قان ۋە ئۆت سويۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
   ئالما : تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ ، بەدەندىكى ئارتۇقچە كالىيلىق تۇزلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ ، قان بېسىمىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ .
   سۈت : تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى مول بولۇپ ، بەدەننىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئازايتىدۇ .
   پىياز : باكتېرىيەلەرنى يوقىتىش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قان تەركىبىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى كۆرۈنەرلىك .
   تاتلىق بەرەڭگە : بەدەندىكى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنغان گۆش ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر پەيدا قىلغان ئارتۇقچە كىسلاتالارنى تەڭشەپ ، بەدەندىكى كىسلاتا بىلەن ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button