جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قانداق ئاسىراش كېرەك؟

 ئاشقازان ئاستى بېزىنى قانداق ئاسىراش

(1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش، ئۇلار ئاشقازان ئاستى بەز توقۇلمىسىنى توزغۇتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشقارلىق سۇيۇلۇق ۋە ئىنسولىننىڭ ئاجىزلىشىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنداقلا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە خاس ئەزانىڭ ئىممۇنتى تۆۋەنلەپ ئاسانلا كېسەللىك سەۋەپچىسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

(2) قەنتىنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

(3) ئۆتكۈر قورغاتقۇچى ۋە غىدىقلىغۇچى نەرسىلەردىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان ئازلىق، كۆپ قان چىقىپ كېتىش ۋە قان بۇزۇلۇش كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشىمىز لازىم. 

جىگەرنى ئاسراش

جىگەر ئىنسان بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر خىمىيىۋى كارخانا بولۇپ، پۈتۈن ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مۇشۇ كارخانىدا بىر قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، ئەزالارغا تارقىلىپ سىڭىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. جىگەر خىزمىتىدە چاتاق چىقسا ئومۇمىي بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش خىزمىتىدە چاتاق چىقىدۇ. جىگەرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق دېيىلىدۇ. جىگەردە سانسىز ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى زەھەرلىك ماددىلاردىن، ئىسسىق − سوغۇقتىن ئوڭاي تەسىرلىنىدۇ. جىگەرنىڭ جازىبە )تارتىش( كۈچى بەك كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشقازانغا چۈشكەن بەك سوغۇق ۋە بەك قىزىق نەرسىلەر تەسىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىۋالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق سوغۇق نەرسىلەرنى، مەسىلەن: مۇز سۈيى، مارۇژنى، قار سۈيى ۋە توڭلاتقۇدا سوۋۇتۇلغان بەك سوغۇق ئىچىملىكلەرنى تولا ئىستېمال قىلىش جىگەرنىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى سوۋۇتۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بەك زۆرۈرىيەت بولمىغاندا، بۇنداق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، ھەممىدىن زىيانلىقى ھاراقتۇر.ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە جىگەر قېتىش كېسەللىكى، ھەتتا جىگەر راكى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بەك سېمىز گۆش − ياغ، تۇخۇم قاتارلىقلارمۇ جىگەرگە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. سەپرالىق نەرسىلەرمۇ زىيانلىق. شېكەر ماددىلىق نەرسىلەر لايىق مىقداردا يېيىلسە جىگەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

(1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش، يەنى بۇ كۆپ ھاللاردا جىگەر ھارارىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۋېتىدۇ. نەتىجىدە كۆپلەپ ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقى ئەزالارغا قويۇپ بىرلىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاخىرقى ھېسابتا جىگەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى جىگەردىكى بىئوخېمىەلىك جەريانغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە خلىتلارنى ئىشلەش، ھەزىم جەريانىنى كونتۇرۇل قىلىش، بەدەن ئىممونىتىنى كونتۇرۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاقىۋەتتە جىگەر ئىششىش، يوغىناش، زەئىپلىشىش ھەتتا يۇقۇملىنىپ يېرىڭداش قاتارلىق غەيرى نۇرمال ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە سوغۇق كەيپىيات ھەزىم يوللىرىدىن باشلاپ جىگەرگە قەدەر ھەزىم يوللىرىنىڭ ياكى ئەزالارنىڭ مەلۇم مۇھىت تىمپىراتۇسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بولۇپمۇ جىگەردە ئەڭ مۇھىمى ماي، قەنىت، ئاقىسللار فىرمىنىتلارنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فىرمىنىتلارنىڭ رولىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن جىگەر قان ئايلىنىشنىڭ ئومۇمى جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاقىۋەتتە جىگەر جىددى ياللۇغلىنىش، جىگەر قېتىش ھەتتاكى بىرلەمچى جىگەر راكىغا ئوخشاش كېسەللىكەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(2) ئاچچىق، زىيادە غىدىقلىغۇچى، قوزغاتقۇچى، زەھەرلىگۈچى، قۇرۇتقۇچى، قۇرىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە مايلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان ئىسپىرىت تەركىپلىك زەھەرلىگإچى يىمەك- ئىچمەكلىكلەردىن ساقلىنىش لازىم. بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا زەھەرلىك تەركىپنى تۇتقۇچى ئەڭ مۇھىمى ھاراق، ئۇنىڭدىن باشقا لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار. بۇنداق يىمەكلىكلەر جىگەردە رىئاكسىيە ھاسىل قىلىپ، گىلىكوگىن ئىشلەش ئىقتىدارنى بۇزىدۇ. لازا، ئاچچىقسۇنىڭ جىگەرگە تەسىرى بولمىسىمۇ، ھاراقنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ تۇرمۇشتا زىايدە قوزغاتقۇچى نەرسىلەر جىگەرگە كۆپلەپ كېلىش، بىر مەزگىل جىگەرنى قىززىتقاندەك قىلسىمۇ ئېنىرگىيە قويۇپ بىرىش تەسىرنى چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئاقسىل، ماي، قەنىت فېرمىنىتلارنىڭ ئاكتىلىنىش فېرمىنىتلارنى ئاكتىپلاشتۇرۋېلىپ جىگەر توقۇلمىلىرىغا ئېغىر بېسىم كەلتۈرۈپ چىقرىىدۇ. نەتىجىدە ئاللىرگىيە خارەكتىرلىك (زەھەرلىنىش) كېسەللىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەشە، ئەپيۇن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۆپكىدىن قانغا، قاندىن جىگەرگە بېرىش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ نىرۋا سىستىمىسىغا تەسىر قىلىپ، ئىممۇنىتلىققا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە جىگەرنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يىتپ جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(3) يىمەكلىكلەر تەركىۋىگە دىققەت قىلىش، تۇز، تۇخۇم، ماي قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلماسلىق، تۇخۇم، مايلارنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىنىش ئۆت سۇيۇقلىغىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ئاجىزلىشىش مىقدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. تۇز قاتارلىقلارنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىنىشى ئۆت سۇيۇقلىغىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۆت سۇيۇقلىغى بەدەنگە بىۋاستە تاراپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆت سۇيۇقلىغى قويۇلۇشۇپ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(4) يېمەك- ئىچمەك سىرتقى مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يۇقۇملىنىش مەنبىيى بولغان سۇ، ھايۋان قاتارلىق يۇقۇملىنىش مەنبەلىرىنى پاكىزە ساقلاش ۋە ئاسراش. (5) نىرۋا، روھى ئاممللار، زىيادە ئأگىنىش، ئەقلى ئەمگەك، كۈچۈنۈش خاراكتېرلىك زىيادە ئەمگەكتىن پەرھىز قىلىش (ساقلىنىش) كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button