جىگەر كېسەللىكلەرى

f تىپلىق جىگەر ياللۇغى

Prof.Dr. Fehmi Tabak / Türkiye'de 3 Milyon Kronik Hepatit B Hastası Var!

f تىپلىق جىگەر ئىششىقى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە جىگەرنىڭ يەللىك ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالامىتى: جىگەر ساھەسىدە تېلىپ، چىڭقىلىپ ئاغرىش بولىدۇ ھەم ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ. قىزىتما بولمايدۇ. بۇ ئاغرىق جىگەردە ھەم جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەردىدە يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. تومۇرى بوش، ئاستا، سۈيدۈكى سارغۇچ، كۆپۈكلۈك بولىدۇ.

سەۋەبى: جىگەر ھارارىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن جىگەرنىڭ ھەزىم كۈچى ئاجىزلاشقانلىقتىن ھەمدە يەللىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندىن جىگەردە ھەم پەردىلىرىدە شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ پەيدا بولۇپ تارقاپ كېتەلمەسلىكىدىن جىگەر كۆپۈپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا جىگەرنىڭ يەللىك ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى: شارابى بۇزۇرى ھارنى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقتىن بۇرۇن 50 گرامنى 100 گرام قايناق سۇ بىلەن بېرىش لازىم. تاماقتىن كېيىن ئەتىگەندە جاۋارىش دارچىن، چۈشتە تاماقتىن كېيىن جاۋارىش كۇمۇنى، كەچتە تاماقتىن كېيىن ھەببى كۇرسىنگى بېرىش لازىم.

ئوزۇقلۇق جەھەتتە پىننە گۈلقەنت بىلەن نان بېرىش، ئۇچار قاناتلار گۆشىنى كاۋاپ، شورپا قىلىپ بېرىش. شورپىغا دارچىن، قارىمۇچ، زىرە قاتارلىق يەل تارقاتقۇچى دورىلارنى سېلپ بېرىش كېرەك.

پەرھىز: بىر مەزگىل قۇرۇلغان، ھوردا پىشۇرۇلغان، قىيمىلىق غىزالاردىن يەل يېمىشلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button