d تىپلىق جىگەر ياللۇغى
d تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە غەيرىي سەۋدادىن ( قۇرۇق سوغۇقتىن) بولغان جىگەر ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئالامىتى: كېسەلنىڭ چىرايى، تىلى، سۈيدۈكى سارغۇچ كۆكۈش بولۇپ قالىدۇ. دىماغ قۇرۇيدۇ، ئېغىز تەمى چۈچۈمەل، ئۇيقۇسى كەم، تومۇرى ئاستا، قاتتىق بولىدۇ. جىگەر ساھەسىدە قاتتىقلىق بولىدۇ. كېسەل قول پۇتىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىدىن ھەمدە ئىسسىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئىشتىھا بولمايدۇ. قەۋزىيەت بولىدۇ. كېسەل كۈندىن كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىدۇ. كۆپىنچە كەچتە ھۆ بولىدۇ. مەيدە ئېسىلىدۇ، كۆكۈش سۇ ياندۇرىدۇ.
سەۋەبى: سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) خىلىتىنىڭ جىگەردە يىغىلىپ قېلىشىدىن بولىدۇ. يەنى جىگەر ئاجىزلىقىدىن سەۋدانى تالغا يەتكۈزەلمەيدۇ ياكى جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرسىدىكى ياكى تال بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا بولغاندىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: جىگەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولسا جىگەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شارابى بوزۇرى مۆتىدىل ياكى سىركەنجىۋىل ئەفتىمۇن بېرىش، تامىقىغا كەپتەر گۆشىنى سەۋزە بىلەن شورپا قىلىپ بېرىش، تۇخۇم سېرىقى، قايماق، ھەسەل بىلەن چاچ بېرىش، پاقلان گۆشىنى سەۋزە، تۇرۇپ بىلەن شورپا قىلىپ بېرىش لازىم. توسالغۇ سەۋەبىدىن بولسا، توسالغۇنى ئاچقۇچى مائۇل ئۇسۇل شەربەتلىرىنى بېرىش، ھەببى غاپەس، ھەببى بېرىش لازىم. شارابى زەبىب، شارابى دىنار كەبىرى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.