b تىپلىق جىگەر ياللۇغى
b تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇيغۈر تىبابىتىمىزدە بەلغەمدىن ( ھۆل سوغۇقتىن ) بولغان جىگەر ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئالامىتى: چىرايى، تىلى، سۈيدۈكى ئاق بولىدۇ. بىمار ناھايىتى بوشاڭ، روھسىز، ئۇيقۇسى كۆپ، ئېغىزىنىڭ تەمى بەتتەم (تېتىقسىز)، ئىشتىھاسى كەم، جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق بولۇش، تۇتقاقلىق، تېلىپ ئاغرىش، لەۋلىرى ئاق گەز بولۇش، ئالىقان ھەم پۈتۈن بەدەن سوغۇق تەرلەپ تۇرۇش، ئەتىگەندە قۇرۇق ھۆ بولۇش، بەزىدە ئاق مازغاپ ياندۇرۇش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا بولۇش، بەدەن سوۋۇش، تاپان قىزىش، ئاخىرىدا كۆزدىن باشلاپ پۈتۈن بەدەن ساغىرىش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: جىگەر مىزاجىنىڭ ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇقى ئېشىپ، جىگەر خىزمىتىنىڭ زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە، جىگەردىكى ماددىلارنىڭ قويۇلۇپ بۇزۇلۇشى بىلەن غەيرىي سەپرالىق ئۆزگىرىپ، جىگەرنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن بولىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن سىركەنجىۋىل بوزۇرى مۆتىدىل بېرىپ، جىگەر تومۇرلىرىدىكى شىلىمشىق قويۇق بەلغەملەرنى سۇيۇلدۇرۇش لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن شەربىتى بۇزۇرى ھارنى بەش كۈن بېرىپ جىگەرنى قىزىتىش ئارقىلىق جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ھەمدە مائۇل ئۇسۇل ھار بېرىش، ياتار ۋاقتىدا كۈن ئارىلاپ جاۋارىش شەھرىيان بېرىش ئۇندىن كېيىن مەجۈنى ئەمرۇسىيا، داۋائىل كۆركەم، داۋائى جىنتىيانا، مەجۈنى دەبىدىل ۋەرد لەرنى بېرىش، سىرتتىن زەپەر، سۇمبۇل، ئەفسەنتىنلەرنى گۈلى سەۋسەن يېغى بىلەن چېپىش لازىم.
تامىقىغا نوقۇت سۈيىگە كەكلىك، قۇشقاچ، كەپتەر گۆشلىرىنى سېلىپ بېرىش، قوي گۆشىنى سەۋزە، دارچىن، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن، زىرە سېلىپ پىشۇرۇپ زاغرا نان بىلەن يېسە ھەمدە زىخ كاۋىپى قىلىپ قارىمۇچ، زىرە سېپىپ ئىستىمال قىلسا، قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق مېغىزلىرىنى يېسە بولىدۇ.
پەرھىزلىرى: سوغۇق تەبىئەتلىك غىزا، يەل-يېمىشلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. جىسمانىي جەھەتتە نورمال ھەرىكەت قىلىش داۋاملاشتۇرىلىدۇ. كۆپ ئۇخلاش، ھۆللۈك ۋە سوغۇق ھاۋالىق جايلاردا ئۆلتۇرۇش مەنئىي قىلىنىدۇ.