A تىپلىق جىگەر ياللۇغى
A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە غەيرىي سەپرادىن (قۇرۇق ئىسسىقتىن) بولغان جىگەر ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئالامىتى: ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولۇش، جىگەر ساھەسى ئېچىشىپ ئاغرىش، قىزىتما، جۇغ جۇغ بولۇش، چىرايى، كۆز ئېقى، تىلى، سۈيدۈكى سېرىق بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە تېز سوقۇش، غەم ئەندىشە ھەم ئاچچىقى يامان بولۇش، كېسەلنىڭ ئاخىرىدا بىمارنىڭ تىلى قارا گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: سەپرا خىلىتىنىڭ جىگەردىن ئۆتكە ئۆتۈشى راۋان بولماي، جىگەردە توپلىنىپ قېلىشىدىن ياكى سەپرانى كۆپەيتىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىشىدىن، كۈچلۈك جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن كۆپ شوغۇللىنىشتىن، ھاۋا كىلىماتى بەك ئىسسىق، قۇرۇق جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ياشاش قاتارىلىق سەۋەبلەردىن بۇ خىل كېسەللىك كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: بىمارنى ھاۋاسى سوغۇق، سالقىن جايلاردا دەم ئالدۇرۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلدۇرماسلىق، تامىقىغا ئارپا ئېشىغا چۈجە گۆشى، پالەك، تۇرۇپ، ئاش كۆكى سېلىپ بېرىش، تاۋۇز سۈيى ئىچكۈزۈش لازىم.
دورىلاردىن: سىركەنجىۋىل ساددە، دىنار شەربىتى، تەمرى ھىندى شەربىتى، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىن، بىنەپشە شەربىتى، ئەينۇلا مۇرابباسى، قاپاق شەربىتى قاتارلىقلار ئوبدان تەسىر قىلىدۇ.