جىگەر سانجىقى
جىگەر سانجىقى ھەرخىل سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدىغان، تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغا ئاستىدا چىدىغۇسىز سانجىقسىمان ئاغرىقنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: جىگەر سانجىقىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: جىگەر مىزاجىنىڭ ماددىلق ۋە ماددىسىز بۇزۇلۇشى، جىگەر تومۇرلىرى توسۇلۇش، جىگەرنى يەل قاپلىۋېلىش، جىگەر ياللۇغلىنىش، جىگەرگە زەخىم تېگىش، ئۆتتە تاش، قۇم پەيدا بولۇش، جخگەرگە سۇ چۈشۈش قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىگەر سانجىقى كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغا ئاستى جىگەر ئۇدۇلىدا تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولىدۇ، بىمار ئاغرىق ئازابىدىن بىئارام بولىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، ئەسنەك تۇتىدۇ. بەزىدە ھېق تۇتىدۇ، قورسىقى ئېسىلىش بىلەن قەۋزىيەتتىن شىكايەت قىلىدۇ، چىرايى خۇنۇك ۋە نۇرسىز، كەيپىياتى سۇس بولىدۇ، ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قىسمەن بىمارلار ئايلىنىپ كېتىدۇ، تومۇرى كۈچسىز، تەرتىپسىز سوقىدۇ.
ئەگەر ئىسسىق سەۋەبىدىن پەيدا بولسا، جىگەردە ئېچىشىش، كۆيۈش بىلىنىدۇ، سۈيدۈك رەڭگى سېرىق بولىدۇ، ئۇسسۇزلۇق كۈچىيىپ كېتىدۇ ۋە بىمارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەيدۇ.
ئەگەر سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەيدا بولسا، دەسلەپتە ئاغرىق يەڭگىل بولىدۇ. بارغانسېرى بۇ ھالەت ئۇزۇنغىچە توختاپ قالىدۇ، ئاندىن كېيىن بىمارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. چىرايىدا قىسمەن بىئاراملىق بولىدۇ. كۆز قارىچۇقىدا كېڭىيىش ھادىسىسى بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ۋە جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىدىن: مەجۈنى بەرشىشا، ئاساناسىيا كەبىر، قۇرسى ئەپسەنتىن، مەجۈنى دەبدىل ۋەرىد، ئەرقى كاسىنە، ئەرقى بەدىيان، داۋائىل كۇركۇم، جاۋارىش دارچىن، دىنار شەربىتى بېرىلىدۇ.