جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ بىشارەتلىرى

 

Siroz hastalığı nedir? Bulaşıcı mıdır, belirtileri neler?جىگەرنى ماي قاپلاش-جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ جىگەر كېسەللىكى
تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا يۈزلىنىشى ھەمدە سېمىزلىك كېسىلى ۋە ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھادىسىسىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگودىكى جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا. جىگەرنى ماي قاپلاش جۇڭگودا بارا-بارا مۇھىم بولغان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملانمايدىغان كېسەللىككە ئايلانماقتا.
جىگەرنى ماي قاپلاش ۋىرۇسچانلىققا ئىگە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ جىگەر كېسەللىكىگە ئايلاندى. جۇڭگودىكى سېمىزلىك ۋە 2 تىپلىق دىيابىت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىك نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆرلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. جۇڭگودىكى ئىسپىرتسىز جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%15 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %90-%80 كىچە ساپ جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى بولۇپ، مايلىق جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %1 تىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
قايسى كىشىلەرنىڭ جىگىرىنى ئاسانلا ماي قاپلايدۇ؟
1. ھاراققا خۇمارلار: ئىسپىرتنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسىنى بىۋاستە زەھەرلەش رولى بولغانلىقتىن، ياغ ئامبىرىنى جىگەردىكى ماينىڭ ئېشىشىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە جىگەردىكى ماينىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىپ، جىگەردىكى ماينىڭ پارچىلىنىپ، ئاجرىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭا ئۇزاق مەزگىل ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ جىگىرىدىكى ياغ كىسلاتاسى ئاسانلا بىر يەرگە يىغىلىپ، ئىسپىرتلىق جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىسپىرتلىق جىگەرنى ماي قاپلاش بولسا ئىسپىرتلىق جىگەر كېسەللىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە كۆرۈلگەن، دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، كېسەللىك ئۆزگىرىش دەرىجىسى بىلەن ھاراق ئىچىش (بولۇپمۇ ئاق ھاراق) ئومۇمىي مىقدارى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.
2. سېمىزلەر: جىگەر توقۇلمىلىرىنى جانلىق تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدىن بايقىلىشىچە، تەخمىنەن %50 سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا جىگەرنى ماي قاپلاش بىرگە پەيدا بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدىكى بىر ئالىمنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىلىشىچە، ئون سېمىز كىشىنىڭ سەككىزىدە جىگەرنى ماي قاپلاش بار بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى سېمىزلەرنىڭ قېنىدا كۆپ مىقداردىكى ئەركىن ماي كىسلاتاسى بولۇپ، ئۈزۈكسىز تۈردە جىگەرگە يەتكۈزۈلۈپ، يۆتكىلىپ ئاجرىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ، جىگەردىكى ماينىڭ توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىك خاراكتېرىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدىكەن.
3. ئوزۇقلۇق ئارتقان كىشىلەر: ئوزۇقلۇق ئارتىش، بولۇپمۇ گۆشلۈك قۇرۇما، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېگۈچىلەردە كۆرۈلىدۇ.  ئوزۇقلۇقتا يۇقىرى ياغ، قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە جىگەرنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ماينىڭ مېتابولىزىمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مۇۋازىنەت ھالەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئارتىش خاراكتېرلىك جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ.
4. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگۈچىلەر: ئىقتىسادچانلىق تۈپەيلى ئۇزاق مەزگىل ئاچ يۈرۈش، نېرۋا خاراكتېرلىك يېمەكلىكتىن زېرىكىش، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش ناچارلىشىش، ئىسسىق ئېنىرگىيەسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى يېتەلىك بولماسلىق، ئاقسىلنىڭ تەمىنلىنىشى تۆۋەنلەشتىن ياغنىڭ ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ مىقداردىكى ياغ كىسلاتاسى ياغ توقۇلمىلىرىدىن قويۇلۇپ، جىگەرگە كىرىپ، جىگەردىكى ياغنى توپلاپ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى جىگەردىكى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ھەرىكەت مىقدارى زىيادە ئاز ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار:
ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، مېتابولىزىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر ھەرىكەت ۋە چېنىقىش ئازايسا، بەدەندىكى ماينىڭ ئېنىرگىيەگە ئايلىنىشى ئازلاپ، ئارتقان ياغ جىگەردە ئاسانلا توپلىنىپ، جىگەرنى ماي قاپلاش كۆرۈلىدۇ.
6. ۋەھاكازالار: جىگەر ياللۇغى، قاندىكى ماي يۇقىرىلاش كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر، دورىدىن، خىمىيەلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش، ھامىلدارلار ھەمدە مەلۇم جەمەت خاراكتېرلىك مېتابولىزىم كېسەللىكلىرىمۇ جىگەرنى ماي قاپلاشنى پەيدا قىلىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ بىشارەتلىرى:
1. ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش: ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش جىگەرنى ماي قاپلاشتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ئىشتىھا تۇراقسىزلاشسا، ئاشقازان ياللۇغى ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن گۇمانلىنىشتىن سىرت، يەنە جىگەرنى ماي قاپلاش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
2. مېتابولىزىم تەڭپۇڭسىزلىشىش: جىگەرنى ماي قاپلاش ئېغىر بولغان كىشىلەر توپىنىڭ بەزىلىرىدە يەنى ئەرلەرنىڭ كۆكسى يېتىلىش، ئۇرۇقداش يىگىلەش، كۆتۈرۈلۈش كۈچى توسالغۇغا ئۇچراش، ئىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش: ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جىگەرنى ماي قاپلاشتا چارچاش، ئاسان ھېرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
4. ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ: تېرىدىكى كىچىك تومۇرلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تارماق تومۇرنىڭ كېڭىيىشىدىن شەكىللىنىدىغان قان تومۇر مېڭى بولۇپ، شەكلى ئۆمۈچۈككە ئوخشىغانلىقتىن، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ دەپ ئاتىلىدۇ. دائىم يۈز، بويۇن، ئالقان، يۇقىرى بىلەك، كۆكرەك ئالدى ۋە مۆرە قاتارلىقلاردا ئۇچرايدۇ.
5. ۋىتامىن كەملىك كېسىلى: جىگەرنى ماي قاپلىغاندا ياغنىڭ توپلىنىشىغا ئوزۇقلۇقتىكى ۋىتامىن كەملىك بىرىكسە، ئادەمدە ئاسانلا كۆپ خىل ۋىتامىننىڭ كەملىكى كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىدا نېرۋا ياللۇغى، تىل ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، تېرىدە داغ پەيدا بولۇش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەردە ھەزىم يولى قاناش، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
6. كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش: يېنىك دەرىجىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاشقا جىگەر ئىقتىدارى زەخملىنىش بىرىكسە، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ياغدىن بىزار بولۇش، قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆڭلى ئىلىشىش ئالامىتى دائىم يەككە ھالەتتە يۈز بېرىدۇ.
7. سېرىقلىق چۈشۈش: سېرىقلىق چۈشۈش بولسا بەدەندىكى بىلىرۇبىن مېتابولىزىمى توسالغۇسى سەۋەبلىك، قاندىكى بىلىرۇبىننىڭ ئۆرلەپ، توقۇلمىغا كىرىپ، كۆز ئېقى، شىللىق پەردە ۋە تېرىنىڭ يۇقۇملىنىپ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلىغاندا سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ تىپى دائىم جىگەرنى ماي قاپلاش خاراكتېرىدە بولۇپ، مەزكۇر تىپتا ماغدۇرسىزلىنىش، ھالسىزلىنىش، ئىشتىھا تەڭپۇڭسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى جىگىرىنى ماي قاپلىغان بىمارلاردا يىنىك دەرىجىدىكى سېرىقلىق چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. جىگەردىكى ماي تازىلانغاندىن كېيىن، سېرىقلىق چۈشۈشمۇ بارغانسېرى يوقايدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاشقا دىياگنوز قويۇشنىڭ ئۆلچىمى
1. كېسەللىك تارىخى: ئۇزاق مەزگىل ھاراق ئىچىش (بولۇپمۇ ئىسىپىرت مىقدارى يۇقىرى بولغان ئاق ھاراق)، سېمىزلىك، دىيابىت كېسىلى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىنىش ھەمدە زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك جىگەر زەخمىلىنىش كېسەللىك تارىخىي بارلار.
2. كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر: جىگەرنى ماي قاپلاش غەيرىي كېسەللىك ئالامىتى يوق كېسەللىك بولۇپ، تەخمىنەن يېرىم ساندىكى بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالىنى ھېس قىلالمايدۇ، قىسمەن بىمارلاردا ئاسانلا چارچاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، جىگەر ئورنى بىئارامسىزلىنىش ياكى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، كېكىرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بەدەن تەكشۈرتكەندە جىگەرنىڭ چوڭايغانلىقىنى، سىرتقى يۈزىنىڭ سىلىقلاشقانلىقىنى، ئەتراپىنىڭ يۇمىلاقلاشقانلىقىنى، يىنىك دەرىجىدە ئاغرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
3. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش: جىگەر ئىقتىدارىدىكى ALT نورمال ياكى ئۆرلىسە، قاندىكى ماينىڭ، گلىتسېرىن ئۈچ ئېستېرنىڭ، قان زەردابى ئاكتىپلىقى ئۆرلىگەنلىكىنىڭ، ئېلېكتروفورېزلاش قان شار ئاقسىلى ئاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
4. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە CT دا تەكشۈرۈش: جىگەرنى ماي قاپلاشنىB تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە جىگەرنىڭ ئىششىپ يوغانغانلىقىنى، جىگەر ئۇيۇل ماددىسىدىن كۈچلۈك نۇر نۇقتىسىنىڭ قايتقانلىقىنى، چوڭقۇر قىسىمدىكى توقۇلمىلاردىكى ئەكس سادانىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشكە دىياگنوز قويۇش نىسبىتى%95 كە يەتتى. CT ئاپپاراتىدا تەسۋىر يېيىش ئارقىلىق جىگەر زىچلىقىنى تەكشۈرۈش باشقا ئەزالارنىڭكىگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.
5. جىگەردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇش.
جىگەرنى ماي قاپلاشنى كونتىرول قىلىشنىڭ پرىنسىپى
1. ھاراق تاشلاش
2. يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش
3.چېنىقىش ئارقىلىق داۋالاش
4.دورا بىلەن داۋالاش
5. قەرەللىك تەكشۈرتۈش
6. داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاش
7. قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button