شىپالىق رېتسىپلارمىۋە چىۋەنىڭ شىپالىق رولى
بادامنىڭ شىپالىق رولى
* مۇۋاپىق مىقداردىكى بادام مېغىزى بىلەن ناۋاتنى بىرلىكتە سوقۇپ كاپ ئېتىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
* ئاچچىق بادامنى مۇسەللەس بىلەن ئېزىپ ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ئاچچىق بادام مېغىزىنى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلسا، نەپەس سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
* قوغۇن مېغىزىنى بادام مېغىزى ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە تېرىنى ېارقىرىتىپ، يۈزدىكى قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.