پىششىق دورا

قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار

بىرىنچى بۆلۈم

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرى ئىلمى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرى ئىلمى – ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي پەنلىرىنىڭ ئەمەلىيەت قىسمىغا كىرىدىغان، سالمىقى ئېغىر، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان مۇھىم پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئۆگىنىدىغان ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۆگەنمىسە ئۇنىڭسىز ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان مۇھىم پەندۇر.

 

1.ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە

خام دورا — ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە مەدەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەبىئەتتىن كەلگەن، بەلگىلىك تازىلىق ئۆلچىمىدىن ئۆتۈپ ساپلاشتۇرۇلغان ماددا خام دورا دېيىلىدۇ.

خام دورىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ماددا بولسا كائىناتتىكى ئوت (قۇياش)، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددا (تۆت تادۇ) بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەيپىيات، خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق  كائىنات دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارغا ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا مۇئەييەن مىزاج ۋە خۇسۇسىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

كېسەل داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئورگانىزىمدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ساقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىدە مۇئەييەن مىزاج (كەيپىيات) ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان ھەر خىل دورىلار ئىشلىتىلىپ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىنسان ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

دېمەك، دورا – بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مىزاجى (تەبىئىتى) ۋە خۇسۇسىيەت تەسىرلىرى بىلەن بەدەندىكى ھەر خىل تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بەدەندىكى ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان «تەبىئەت» نى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

 

2.ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەزىپىسى

ئۇيغۇر تېبابىتى — ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ماكانى بولغان بۇ جۇغراپىيە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى، تۈرلۈك ئاغرىق – سىلاقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنىدۇر.

ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل، سىستېمىلىق نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، تۆت تادۇ تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، تۆت خىلىت تەلىماتى، ئەزا تەلىماتى، قۇۋۋەت تەلىماتى، روھ تەلىماتى، ساقلىق ۋە كېسەللىك، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبلىرى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى، داۋالاش قائىدە – پىرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى، يېمەك – ئىچمەك، كۈتۈنۈش ۋە پەرۋىش قىلىش، دورىگەرلىك ۋە دورا ياسالمىلىرى قاتارلىق ئىلىملەر ھەققىدە بىر يۈرۈش سىستېمىلىق ئىلمىي نەزەرىيىلىرى بار.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنى ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى كائىناتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ. ئومۇمىي بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ ھاياتلىقنى تاشقى مۇھىت شارائىتى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئالەم ۋە ئىنساننىڭ ئاساسىنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددىنىڭ زىددىيىتى ۋە بىرىكىشىدىن تەشكىل تاپقان دەپ قارايدۇ.

بۇ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى تونۇش كۆز قارىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ئەمەلىيەتتىن باشلانغان، ئەجدادلىرىمىز تۆت ماددىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق كۈچى بولمىسا زىرائەت پىشمايدىغانلىقىنى، يورۇقلۇق بولمىسا ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، سۇ، ھاۋا بولمىسا ھاياتلىق بولمايدىغانلىقىنى، تۇپراق بولمىسا ئۆسۈملۈكلەر يېتىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.

تۆت چوڭ ماددا ئوخشىمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت — قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا — ھۆل ئىسسىق؛ سۇ — ھۆل سوغۇق؛ تۇپراق — قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئۇلار جىسىم، كەيپىيات، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن بىر – بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولسىمۇ، ئەمما بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار كائىناتتا ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى  بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت خىل كەيپىياتنىڭ قارىمۇقارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل قىلىدۇ. مىزاجلار چوڭ جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قوروق سوغۇق مىزاجلارغا بۆلىنىدۇ.

تېبابىتىمىز خىلىتلارنى بەدەندە تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىدە مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولغان يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەيدا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى تەقلىدىي زاھىرى، دەپ شەرھىلەيدۇ. تۆت خىلىت (سەپرا، قان ، بەلغەم، سەۋدا)  بەدەننى تەشكىل قىلغان، رەڭگى، تەمى، تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بولۇپ، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قان خىلىتىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، سەۋدا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق، ئۇلار ئورگانىزىمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ تۇلۇقلىنىپ، ئۆز-ئارا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ھازىرلايدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەھەتتىكى غەيرىي تەبىيئىي ئۆزگىرىشى كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم ئىچكى سەۋەب. تەبىئەت دۇنياسىدىكى «تۆت چوڭ ماددا» ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق نورمالسىز تەسىرى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى تاشقى سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك ئۇيغۇر تېبابىتى — ئىنسان بەدىنىدە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنىڭ بىرلىكى ۋە زىددىيىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئەقىل – پاراسەتلىك، مېھنەتسۆيەر خەلقىمىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجىرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇلارنىڭ تارىم بويلىرىدا ياشاپ، ئۆسۈپ كۆپىيىشىدە مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مەدەنىيەتلىك خەلق بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.

«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى يالغۇز يېقىنقى زاماننىڭ ياكى ئىسلامىيەتتىن بۇيانقى پەن – مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن ئىبن سىنا تېببىي تەلىماتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىلادتىن ئىلگىرىكى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتنىڭ سەمەرىسى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنى تەشكىل قىلغان ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھايات باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك دورا – گىياھلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىپتىدائىي تەجرىبىلىرى ۋە تۈرلۈك ئەم – ئىرىم ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە تۇرانى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئاناۋ، تاقار، قاراسۇق مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى خەلقلەرنىڭ شۇ خىل تەجرىبىلىرى بىلەن ئەم – ئىرىم ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلغان[1]» بولغاچقا، مەزمۇن دائىرىسى كېڭىيىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر بىلەن مۇجەسسەملەنگەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى گەرچە ئۇزۇن تارىخىي دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ تەزكىرە تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمىز سەۋەبلىك كۆپلىگەن مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئۆز تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ۋە چەت ئەل تارىخچىلىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش جەريانىدا تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز ئارقىلىق ئاندىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت كەشپىياتچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالىدۇق.

شۇڭا بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىنى ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكى بولغان تەبىئىي دورا بايلىقلىرىنى ئېچىش، قېزىش، رەتلەش، يېڭى دورا ئەشيالىرىنى تېرىپ سىناق قىلىش، مەخسۇس تېرىپ ئۆستۈرۈش بازىلىرىنى قۇرۇپ ئۇنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش، ھەم ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھەم ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا دورا ئەشيالارنى سىرتتىن يۆتكەپ كېلىش، سۈپىتى ناچار بولۇش، باھاسى قىممەت بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دورىلار تېپىلماسلىقتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە  يېڭى-يېڭى دورىلارنى بايقاش، تېپىش، رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، سىناق قىلىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مۇنتىزىم دورىلار قامۇسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاش، دورا ئىستېمالى جەھەتتە مۇرەككەپلىكتىن ئاددىيلىققا، كۆپلۈكتىن ئازلىققا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتىن يۇقىرى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان ئىلىمنى سەدىقە جارىيە مەقسىتىدە قالدۇرۇش بىلەن ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىش بىزنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىمىز ھېسابلىنىدۇ.

 

3.ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە دورىلىق قىسمى

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋاناتلار ۋە مەدەنلەردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، دورىلىق قىسمى، ئۈچ تۈر بويىچە ئىخچام تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  1. ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى دورىلار، ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، غولى، قوۋزىقى، يوپۇرمىقى، شاخلىرى، يىلتىزى، يىلتىز پوستى، گۈل چېچىكى، مېۋىسى، ئۇرۇقى، ئۆسۈملۈك مايلىرى، مېۋە پوستى، يېلىمى، سۈتى، سىقىپ ئېلىنغان ئۇسارىسى، قاينىتىپ ئېلىنغان رۇببىسى قاتارلىق قىسىملىرى دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: قىزىلگۈل، زەپەر، سەرپىستان، كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى، سەندەل، ئەپيۈن، ئەنجۈر سۈتى، رۇببىسوس، بادام يېغى، سازەج، دارچىن، بادرەنجىبۇيا قاتارلىقلار. ئۆسۈملۈك دورىلارنى خەلق ئاممىسى «ئوت – چۆپ دورىلار» ياكى «ئۆسۈملۈك دورىلار» دەپ ئاتايدۇ.

 

  1. ھايۋانات تۈرىدىكى دورىلار، ھايۋانات تۈرىدىكى دورىلار ھايۋانلار، قۇشلار، قۇرت – قوڭغۇزلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ھەر خىل ئەزالىرى، ئاجرالمىلىرى، ھەتتا پۈتكۈل تېنى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ئىپار، ئەنبەر، چايان، يىلان، پەنىرمايە، ئۇلار گۆشى، تۆگە گۆشى، تۆگە سۈتى، بۇقا چۈيىسى، توخۇ تاشلىقى، قۇشقاچ مېڭىسى، بۇغا مۈڭگۈزى، رىگىماھى، سەقەنقۇر، قوي جىگىرى، بۆرە ئۆتى، پىلە غوزىكى، ئېشەك سۈتى، كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، قوي سۈتى، جەرەن مۈڭگۈزى، ئۇچقۇن پاقا، يىلان تۇخۇمى، توخۇ تۇخۇمى، بىخ مارجان، قۇلۇلە قېپى، سەدەپ، مەرۋايىت، كىرپە تىكىنى قاتارلىقلار.

 

  1. مەدەن تۈرىدىكى دورىلار، مەدەن مەنبەلىك دورىلار تەبىئىي كان بايلىقلىرى، تەبىئىي تۇپراق تەركىبلىك ماددىلار ۋە بىر قىسىم ئېلېمېنت رۇدىلىرى قاتارلىقلار دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ئالتۇن كۇشتىسى، كۈمۈش كۇشتىسى، قوغۇشۇن كۇشتىسى، كۆكتاش كۇشتىسى، سەنگى جاراھەت كۇشتىسى، گىل (سېغىز)، زەرنىخ كۇشتىسى، سەنكىيا كۇشتىسى قاتارلىقلار.

 

4.ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنى يىغىۋېلىپ، ساقلاش ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرى ئىچىدە ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى دورىلارنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، دورىلىق قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇش، ساقلاش ئۇسۇلىمۇ ھەر خىل بولىدۇ.

  1. يۇپۇرماق، گۈل – چېچەك تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلىرىدا، ئوبدان يېتىلگەندىن كېيىن، يوپۇرماق، گۈل – چېچەكلىرى پىشىپ ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن، شەكلى، پۇرىقى، رەڭگى، تەمى ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن ھوشيارلىق بىلەن يىغىۋېلىپ، ھەر خىل ئارىلاشما ماددىلىرىنى تازىلاپ، يۇيۇپ، قۇرۇتۇشتا سايىدا، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان پاكىز ئورۇندا قۇرۇتۇش، قۇرۇتۇش جەريانىدا چاڭ – توزانلاردىن ساقلىنىش زۆرۈر.

ئۇلارنى ساقلاشتا، دورىلار ئوبدان قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نەملىك ۋە ھۆللۈكتىن خالىي جايدا پاختا رەختتىن تەييارلانغان تاغار ۋە قاپلاردا ساقلاش، ئۆتكۈر كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئورۇندا قويماسلىق، رەڭگى، پۇرىقى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قېلىش كېرەك. ئ‍ۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بىر ~ ئۈچ ئايغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 

  1. ئۇرۇق تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، ئۆسۈملۈك ئوبدان پىشىپ، دېنى قاتقاندىن كېيىن ئۆسۈملۈك يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ كېتىشتىن بۇرۇن يىغىۋېلىپ، قائىدە بويىچە پۈتۈن چۆپىنى ئورىۋېلىپ سايىدا قۇرۇتۇلىدۇ. نەم، ھۆل جايلاردا قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۆسۈملۈك ياكى ئۇرۇقى ھاۋا ئۆتۈشمەي، ئۆزىنىڭ ھۆللۈكى بىلەن ئاسان كۆكىرىپ سېسىيدۇ. قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، يانجىپ ئۇرۇقى ئېلىنىدۇ.

ئۇلارنى ساقلاشتا، ئوبدان قۇرۇغاندىن كېيىن ئىلغاپ، تاسقاپ، ئارىلاشمىلىرىنى ئايرىپ پاكىز سۈرتۈپ، خالتا ياكى چىپتە تاغارلاردا ساقلاش، ھۆللۈك، نەملىك، چاڭ – توزاندىن ئېھتىيات قىلىش، ۋاقتى – ۋاقتىدا ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، زىيانداش ھاشارات ۋە چاشقاندىن مۇداپىئە كۆرۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى، ئۇرۇق مايلىق دانلار تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئىككى ~ ئۈچ يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. شاخ ۋە قوۋزاق تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، ئۆسۈملۈكى ئوبدان يېتىلگەندىن كېيىن بولۇپمۇ، كۈز پەسلىدە يوپۇرمىقى سارغىيىپ، ياغاچ قىسمى ۋە قوۋزىقى تولۇق پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىدۇ، قۇرۇتۇشتا ئوبدان يېتىلگەن نوتىلارنى كېسىپ، نېپىز توغراپ سالقىن جايدا قۇرۇتۇلىدۇ.

ئۇلارنى ساقلاشتا، ئوبدان قۇرۇغان شاخ ۋە قوۋزاقلارنى بىر يەرگە يىغىپ، باشقا ئارىلاشما نەرسىلەرنى ئىلغىۋېتىپ، ئەلگەكتە تاسقاپ، چىپتە تاغار ۋە قاچىلارغا قاچىلاپ، نەم ۋە ھۆللۈكتىن خالىي ئورۇندا ساقلاش، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قۇرت ۋە مىتە چۈشۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بىر ~ ئۈچ يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. يىلتىز تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، مېۋىسى ئوبدان پىشقاندا ياكى كۈزدە يەر ئاستى قىسمىدىن كولاپ ئېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ. بەزى يىلتىز تۈرىدىكى دورىلارنىڭ يىلتىز پوستىنى دورىلىققا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا يىلتىزلارنى كولاپ ئېلىپ، ھۆل ۋاقتىدا يىلتىز پوستىنى سويۇۋېلىپ، چاڭ – توزانلاردىن خالىي جايدا كۈن نۇرىدا قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇتۇشتا يىغىۋېلىنغان دورىلارنى پاكىز يۇيۇپ، سەل قۇرۇتۇپ، نېپىز ياپىلاقلاپ بورا ياكى خام خەسە ئۈستىدە ئاپتاپتا قۇرۇتۇش، قۇرۇتۇش جەريانىدا پات – پات ئۆرۈپ – چۆرۈپ تۇرۇپ، ئاستى ۋە ئۈستىنىڭ تەكشى قۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇلارنى ساقلاشتا، ياخشى ئوبدان قۇرۇغان، نەملىكى بولمىغان يىلتىز دورىلارنى ئىلغاپ پاكىزلاپ، تاسقاپ، چىپتە تاغارلارغا قاچىلاپ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ساقلاش، ئۆتكۈر كۈن نۇرى چۈشىدىغان جايلاردا قويماسلىق، قۇرت چۈشۈش ۋە باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بىر ~ ئۈچ يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. مېۋە تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، مېۋىسى ئوبدان پىشىپ، تۆكۈلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى دەرەخ ئۈستىدىن يىغىۋېلىنىدۇ. ئەگەر خام، چالا پىشقاننى يىغىۋېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە پىشىشتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىنىدۇ (غورا، غوراپ ئۈزۈم). قۇرۇتۇشتا ئوبدان پىشقاننى يىغىۋېلىپ، پوستى بىلەن پۈتۈن قۇرۇتىدىغانلىرىنى ئۆز پېتى، پوستىنى ئىشلەتمەيدىغانلىرىنىڭ پوستىنى ئايرىپ، بورا ياكى خام خەسە ئۈستىدە يېيىپ تەكشى قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇتۇشتا بوران ۋە چاڭ – توزاندىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مېغىز تۈرىدىكى دورىلارمۇ ئوخشاش.

  1. رۇب ۋە ئۇسارە دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، رۇب ئېلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق قىسمىنى يىغىۋېلىپ ھۆل پېتى يۇيۇپ تازىلاپ ئۇششاق پارچىلاپ، قازانغا سېلىپ بەلگىلىك مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزىۋېلىپ، سۈيىنى قاينىتىپ، قويۇلدۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. رۇب دورىلارنى قۇرۇتۇشتا قويۇلدۇرۇلغان رۇبنى تېگى كەڭ تەخسىگە ئوخشاش بۇيۇملارغا يېيىتىپ، ئۈستىنى ئەينەك بىلەن يېپىپ، كۈن نۇرىدا قويۇپ، سۇ ياكى نەملىكىنى تۇلۇق پارچىغا ئايلانغىچە قۇرۇتۇلىدۇ.

يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، ئۆسۈملۈك ئوبدان يېتىلگەندىن كېيىن يىغىۋېلىنىپ، پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، سىقىش ئۈسكۈنىسىدە سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، تېگى كەڭ قاچىلارغا ئۈستىنى ئەينەك بىلەن يېپىپ ياكى قۇرۇتۇش ئۈسكىنىسىدە قۇرۇتۇلىدۇ. مەسىلەن: ئوسما ئۇسارىسى، سەبرە، كاتھىندى، مېۋە ئۇسارىسى قاتارلىقلار.

ساقلاشتا، ئوبدان قۇرۇغاندىن كېيىن، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ. ئۈنىمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە تۇرىدۇ.

  1. يېلىم دورىلارنى يىغىۋېلىشتا يېلىم چىقىدىغان دەرەخنىڭ يېلىمى ئوبدان پىشىپ قاتقاندا يىغىۋېلىنىدۇ. قۇرۇتۇشتا، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، نەملىك، ھۆللۈكتىن خالىي جايدا قۇرۇتۇلىدۇ.

ئۇلارنى ساقلاشتا پاكىز خام خالتىلارغا ئېلىپ ئېسىپ ساقلاش ياكى ئەينەك، قەلەي قاچىلاردا ساقلاش، غەيرىي نەرسىلەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بىر ~ بىر يېرىم يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. ھايۋانات تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، ھايۋاننىڭ دورىلىق ئەزالىرى ئوبدان يېتىلگەندىن كېيىن يىغىۋېلىنىدۇ، بەزىلىرى دورىلىق ئەزاسى يېتىلىپ چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن كېسىپ ئېلىنىدۇ، بەزىلىرى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن يىغىۋېلىنىدۇ. قۇرۇتۇشتا يىغىۋېلىنغان ھايۋان دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە قۇرۇتۇلىدۇ، بەزىلىرى كۈن نۇرىدا قۇرۇتۇلىدۇ.

ئۇلارنى ساقلاشتا ئاساسلىقى ياخشى قۇرۇيدىغان دورىلارنى ئەينەك قاچىلاردا قۇرۇتۇش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئەنبەر، ئىپار، قۇندۇز قەھرى قاتارلىق نازۇك، ئۇچۇچان. خۇش پۇراق، قىممەت باھالىق دورىلارنى ساقلاشتا ئېغىزى ھىم ئېتىلىدىغان بوتۇلكا، قاچىلاردا كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ئورۇندا، ئەڭ ياخشىسى، ئەنبەر ۋە ئىپارنى سوغۇق مۇھىتتا ساقلىغان ياخشى. ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئۈچ ~ يىگرىمە يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۈۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. مەدەن تۈرىدىكى دورىلارنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس كانلىرىدىن يىغىۋېلىپ يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، ئەينەك قاچىلاردا ساقلاش كېرەك. ساقلاشتا مەدەن جىنسلىق دورىلارنى باشقا جىنستىكى دورىلار بىلەن بىرگە ئارىلاشتۇرۇپ ساقلىماسلىق، بەزى زەھەرلىك دورىلارغا زەھەرلىك دەپ ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش كېرەك. مەسىلەن: سەنكىيا، زەرنىخ قاتارلىقلار. مەدەن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئون ~ يىگىرمە يىلغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىزاھات: ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى دورىلار قۇۋۋەت ۋە تەسىرى جەھەتتە، تاغدىن چىقىدىغان دورىلار جاڭگالدىن چىقىدىغان دورىلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. جاڭگالدىن چىقىدىغان دورىلار كەنت ۋە باغلاردىن چىققان دورىلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ.

ئۆسۈملۈك غوللىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى 5  ~ 10 يىلغىچە ساقلىنىدۇ.

 

5. ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنى تونۇپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىدە ئىشلىتىدىغان دورا ئەشيالارنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇلارنى ئاددىي ئۇسۇلدا تونۇپ پەرقلەندۈرۈشتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئۇسۇل قوللىنىدۇ.

  1. قاراپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، بۇ ئەشيالارنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقى شەكلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ كۆزىتىش ئارقىلىق دورىلارنى تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان بولۇپ، قايسى خىلدىكى دورا ئىكەنلىكىنى بىلىشتە ئۆسۈملۈك مەنبەلىك دورا بولسا، ئۇ يىلتىزمۇ، پۈتۈن چۆپمۇ، ئۇرۇقمۇ، مېۋىمۇ دېگەنگە ئوخشاش سىرتقى شەكلى ۋە ھالىتى پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
  2. پۇراپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، بۇ دورىلارنىڭ پۇراق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئادەتتە قاراپ، تونۇپ پەرقلەندۈرۈش بىر قەدەر قىيىن بولغان، كۆرۈنۈشى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغان دورىلارنى پەرقلەندۈرۈشتە، پۇراش ئارقىلىق دورىلارنىڭ پۇرىقى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ دورىلار بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن: قۇندۇز قەھرى بىلەن ئىپاردەك ئۆتكۈر خۇش پۇراق دورىلارنى، زەپەر بىلەن زاراڭزا چېچىكىنى، ئېگىر بىلەن دورنەج ئەقرەبىنى، سۆئ‍لەب مىسرى بىلەن سامساقنى، زىرە بىلەن پەتەر ئاسالىيوننى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
  3. تېتىپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، بۇ دورا ئەشيالارنىڭ تەمى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، بىۋاستە تېتىش ئارقىلىق دورىلارنى تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈشتە قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇل قاراپ، پۇراپ پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغان دورا ئەشيالارنى تونۇپ پەرقلەندۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ. دورىلارنى تېتىپ پەرقلەندۈرۈشتە، ئۆتكۈر تەم، قېرىق تەم، شورلۇق تەم، تاتلىق تەم، چۈچۈمەل تەم، ئاچچىق تەم، قابىز تەم، تىلنى قورۇپ ھەم تىلغا چاپلىشىپ، تىل سۇيۇقلۇقنى ئۆزىگە سۈمۈرىدىغان تەم ، بىمەززە تەم قاتارلىق تەملەر ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
  4. سېلىشتۇرۇپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، شەكلى، پۇرىقى، رەڭگى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان دورىلارنى پەرقلەندۈرۈش بىر قەدەر قىيىن بولغاچقا، ئۇلارنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشتە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. مەسىلەن:

كەرەپشە ئۇرۇقى بىلەن جۇۋىنەنى پەرقلەندۈرۈش: كەرەپشە ئۇرۇقى، پۇرىقى كەرەپشە پۇرايدۇ، تەمى بىرئاز ئاچچىق. جۇۋىنەنىڭ شەكلى، رەڭگى كەرەپشە ئۇرۇقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پۇرىقى ئۆتكۈر تەمى ئاچچىق تىلنى ئېچىشتۇرىدۇ.

تاباشىر بىلەن نىشاستىنى پەرقلەندۈرۈش: تاباشىر — يىلىم. رەڭگى ئاق، سۈزۈك، پارقىراق، چۈرۈك، سۇنى سۈمۈرۈش كۈچى كۈچلۈك، تىلغا، كالپۇقكا چاپلىشىۋالىدۇ. نىشاستە — بۇغداي ئۇنى ئۇساراسى. تەمسىز بولۇپ، ئاسان ئۇۋىلىدۇ. ئېغىزغا سالسا تىلغا يېپىشىۋالىدۇ.

دۇرنەج ئەقرەبى  بىلەن ئېگىرنى پەرقلەندۈرۈش: دۇرنەج ئەقرەبى، تەمى بىر ئاز ئاچچىق، شەكلى ئەگرى – بۈگرى، ئىنچىكىرەك بولىدۇ، خۇش پۇراق پۇرايدۇ. ئېگىر، تەمى ئاچچىق، بەتبۇي پۇراق چىقىدۇ.

سۇپارى بىلەن جويۇزنى پەرقلەندۈرۈش: سۇپارى، كەسمە يۈزى بۆرەكنىڭ كەسمە يۈزىگە ئوخشايدۇ، قېرىق ئاچچىق تېتىيدۇ. جويۇز، ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، ئاسان ئېزىلمەيدۇ، پۇراقلىق بولۇپ، ئاچچىق تېتىيدۇ.

بالەنگو ئۇرۇقى بىلەن رەيھان ئۇرۇقىنى پەرقلەندۈرۈش: بالەنگو ئۇرۇقى، ئۇرۇق ئۇچى قىسمىدا ئاق سېزىقچىسى بولىدۇ. ئېغىزغا سالسا لوئابى چىقىدۇ، بىر ئاز تاتلىق تېتىيدۇ. رەيھان ئۇرۇقى، ئۇچى قىسمىدا ئاق سىزىقچىلىرى بولمايدۇ، لوئابى چىقمايدۇ.

زاراڭزا چېچىكى بىلەن زەپەرنى پەرقلەندۈرۈش: زاراڭزا چېچىكى، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق ياكى ئاچ سېرىق، تەمى ئاچچىقراق كېلىدۇ. زەپەر، رەڭگى توق قىزىل، تەمى ئاچچىق بولىدۇ. كۆپرەك تېتىسا بەدەننى قىزىتىدۇ.

جاۋشىر، ئۇشەق، سەكبىنەج قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈش: جاۋشىر — يېلىم. نۇقۇت چوڭلۇقىدا بولىدۇ، سارغۇچ خورما رەڭلىك ياكى ئوچۇق بېغىر رەڭلىك، يۇمشاق، سوزۇلۇشچان، پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق بولىدۇ. ئۇشەق — يېلىم. مونەكسىمان، چۈرۈك كېلىدۇ. ئالاھىدە پۇراقلىق، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ. سەكبىنەج — يېلىم. كۇمىلاچ شەكىللىك كېلىدۇ، يېرىم سۈزۈك، تەمى ئاچچىق، تەمسىز بولىدۇ.

  1. سۇغا چىلاپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، بۇ بىر قىسىم دورىلارنىڭ سۇدا ئالاھىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، دورىلارنى تونۇپ پەرقلەندۈرۈشتە قوللىنىدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. مەسىلەن: زەپەرنى سۇغا سالساق، سۇنىڭ رەڭگى دەسلەپتە سېرىق رەڭدە، ئاخىرىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ ھەم رەڭ تىك تىزىقلىق ھالەتتە چۆكىدۇ. زاراڭزا چېچىكى رەڭگىنى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگەرتىدۇ. قەمبىل سۇغا سېلىنسا قىزىل رەڭگى چىقىدۇ.
  2. ئوتتا كۆيدۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش، ھەربىر دورا ئەشيانى ئوتتا كۆيدۈرگەندە ھەر خىل پۇراق، ھەر خىل ئاۋاز ۋە ھەر خىل شەكىللەر ھاسىل بولىدۇ. بۇمۇ دورىلارنى پەرقلەندۈرۈشتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسىلەن: ئىپارنى كۆيدۈرگەندە، يېنىك ھالدىكى پارتلاش ئاۋازى چىقىدۇ. ھەجىمى چوڭىيىپ، پۇرىقى ئەتراپقا تارايدۇ. كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن ئاق ياكى ئاقۇچقا مايىل قالدۇق كۈلى قالىدۇ. ئەنبەرنى كۆيدۈرگەندە كۆك رەڭلىك يالقۇن چىقىدۇ ھەم پۇرىقى ئۇزاققىچە يوقالمايدۇ.

 

6. ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام دورىلارنىڭ تەبىئىتىنى بەلگىلەش

ئەجدادلىرىمىز خام دورىلارنىڭ تەبىئىتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن دورا دەپ تونىغان ئەشيالارنى ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىپ كۆرۈپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئۇسۇللار بويىچە دەسلەپتە ئىسسىق، سوغۇقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەبىئەتكە ئايرىپ، دەسلەپكى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇقتىن ئىبارەت تۆت تەبىئەتكە ئايرىغان.

  1. مەلۇم بىر خىل دورىنى نورمال كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بەدەننى قىزىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلەتكەن بولسا ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار، دەپ قارىغان. ئەكىسچە قىزىتما قايتۇرۇپ، تومۇر ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، سۈيدۈك مىقدارىنى ئاشۇرسا سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار، دەپ قارىغان.
  2. مەلۇم بىر خىل دورىنى نورمال كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بەدەننى قىزىتىپ، ئېغىزنى قۇرۇتۇپ، تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، قان ئېقىمىنى تېزلەتسە، سۈيدۈك رەڭگىنى سارغۇچ رەڭگە كىرگۈزسە يەنى سەپرا خىلتىنىڭ ئالامىتىنى پەيدا قىلسا بۇنداق دورىلارنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتتىكى دورىلار، دەپ قارىغان. مەسىلەن: قەلەمپۇر، قارىمۇچ، ئاقىرقەرھا، زەنجىۋىل، قۇندۇز قەھرى، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىقلار.
  3. مەلۇم بىر خىل دورىنى نورمال كىشىلەرگە ئىستېمال قىلدۇرغاندىن كېيىن بەدەننى نورمال قىزىتىپ، ئەسنەش، كېرىلىش پەيدا بولسا بۇنداق دورىلارنى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتتىكى دورىلار، دەپ قارىغان. مەسىلەن: بادام مېغىزى، كۈنجۈت، پىستە مېغىزى قاتارلىقلار.
  4. مەلۇم بىر خىل دورىنى نورمال كىشىلەر ئېستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەننى سوۋۇتۇپ ۋە ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھېس – تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرۇپ، سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتىپ، سۈيدۈك رەڭگىنى ئاق رەڭگە كىرگۈزسە يەنى بەلغەم خىلتىنىڭ ئالامىتىنى پەيدا قىلسا، بۇنداق دورىلارنى ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى دورىلار، دەپ قارىغان. مەسىلەن: بىنەپشە، نېلۇپەر، تاۋۇز، ھۆل يۇمغاقسۈت قاتارلىقلار.
  5. مەلۇم بىر خىل دورىنى نورمال كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەننى سوۋۇتسىمۇ، لېكىن ئېغىزنى قۇرۇتۇپ، ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىدا سانجىلغاندەك سېزىم پەيدا قىلسا يەنى سەۋدا خىلتىنىڭ ئالامىتىنى پەيدا قىلسا، بۇنداق دورىلارنى قۇرۇق سوغۇق تەبىئىتىدىكى دورىلار، دەپ ئاتىغان. مەسىلەن: مارجان، شوخلا، قىزىلگۈل، ئامىلە، قارىئۆرۈك، تەمرىھىندى قاتارلىقلار.
  6. مەلۇم بىر خىل ئۆسۈملۈك دورىنىڭ ئېچىلغان گۈلىگە قاراپ شۇ دورىنىڭ تەبىئىتى بەلگىلەنگەن. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كىلاسسىك كىتابلىرىدا ۋە خەلق ئارىسىدا گۈلى قىزىل ئېچىلغان ئۆسۈملۈك دورىلارنى ھۆل – ئىسسىق تەبىئەتتە، گۈلى ئاق ئېچىلغان ئۆسۈملۈك دورىلارنى ھۆل – سوغۇق تەبىئەتتە، گۈلى قارا ئېچىلغان ئۆسۈملۈك دورىلارنى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتتە، گۈلى سېرىق ئېچىلغان ئۆسۈملۈك دورىلارنى قۇرۇق – ئىسسىق تەبىئەتتە بولىدۇ، دەپ قارىغان.

ئىزاھات: ئۇيغۇر تېبابىتىدە، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىدىكى دورىلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدىكى دورىلار ئاز ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. تۆتىنچى دەرىجىدىكى دورىلار زەھەرلىك دەپ قارىلىپ، لايىقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ ياكى زۆرۈرىيەت بولمىسا ئىشلىتىلمەيدۇ.

 

7. ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام دورىلارنى خۇسۇسىيەتكە ئايرىش

ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ بەدەندە كۆرسەتكەن ھەر خىل تەسىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى دەپ ئاتايدۇ. ئەجدادلىرىمىز خام دورىلارنى ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش ياكى ھايۋانلارغا سىناق قىلىش ئارقىلىق دورىلارنىڭ ئورگانىزمدا پەيدا قىلغان ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرىنى يەكۈنلەپ، تەكرار-تەكرار تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەمەلىي داۋالاش جەريانىدا ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى ئاساسىدا دورىلارنى، خىلىتسىز غەيرى تەبىئىي كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرغۇچى دورىلار، قان تازىلىغۇچى دورىلار، توسالغۇنى ئاچقۇچى دورىلار، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار، تاش پارچىلىغۇچى دورىلار، ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار، مېڭە، يۈرەك، جىگەر ۋە دوۋساق قاتارلىقلارنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار، داغ – سەپكۈن چۈشۈرگۈچى دورىلار، چاچنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار قاتارلىق 46 خۇسۇسىيەتكە ئايرىغان، بىز بۇ كىتابىمىزدا سۆزلىمەكچى بولغان دورىلارنى مۇشۇ خۇسۇسىيەت بويىچە ئايرىپ تونۇشتۇرىمىز.

 

8. خام دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە تۈزەتكۈچى دورا ئىشلىتىش

خام دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە قارىتا تۈزەتكۈچى دورا قوشۇپ ئىشلىتىش بولسا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر. تېبابىتىمىزنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتىدە مەلۇم خىل خام دورىنى مەلۇم ئەزالارنىڭ كېسەللىكىگە تەسىرى كۆرۈنەرلىك دەپ ئىشلىتىلسە، ئۇ دورىنىڭ يەنە باشقا بىر ئەزاغا زىيان قىلىدىغان، ئەكس تەسىر بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەكس تەسىر ياكى زىيانلىق تەسىرنى يوقىتىدىغان ھەم تۈزەيدىغان دورا تۈزەتكۈچى دورا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىلمىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورىلارنىڭ تۈزەتكۈچى دورىسى بېكىتىلگەن بولىدۇ. مەسىلەن: رۇمبەدىياننىڭ ئاشقازان كېسىلىگە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. لېكىن ئىسسىقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ ھەمدە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ. بۇ دورىنى رېتسېپقا سالغاندا ئۈچەيگە قارىتا يۇقىرىقى زىيانلىق تەسىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئارپىبەدىياننى، باش ئاغرىقىغا قارىتا سىركە قوشۇپ بىرلىكتە ئىشلىتىش لازىم.

 

9. خام دورىلارنىڭ تېپىلمىغانلىرىغا ئورۇنباسار دورا ئىشلىتىش

تېبابىتىمىزنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن يېزىلغان رېتسىپلىرىدىكى تېپىلماي كەم بولۇپ قالغان دورىلارغا قارىتا ئورۇنباسار دورا ئىشلىتىش پىرىنسىپى بولسا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىلمىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. بۇ ئۇسۇل داۋالاش جەريانىدا مەلۇم خىل دورا قىس ياكى تېپىلمىغان ۋاقىتتا، تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىشى ئوخشاش بولغان ئىلاج بار بىر ئائىلىدىكى ئۇرۇقداش باشقا بىر دورىنى ئورۇنباسار قىلىپ ئىشلىتىپ، داۋالاشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمى يۇقىرىقىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇتلەق كۆپ ساندىكى خام دورىلارنىڭ ئورۇنباسارىنى بېكىتىپ چىققان. مەسىلەن: بادام مېغىزى تېپىلمىسا چىلغوزا مېغىزى ئورۇنباسار قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئورۇنباسار دورىلارنى ئىشلىتىشتە مۇنداق بىر قائىدىگە دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: رېتسېپ تەركىبىدە ئاساسىي دورا، قوشۇمچە دورا، تۈزەتكۈچى دورا، تەڭشىگۈچى دورا قاتارلىق دورىلار بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي دورىلارغا ئورۇنباسار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قوشۇمچە دورىلارغا، ئورۇنباسار دورىلارغا، تۈزەتكۈچى ۋە تەڭشىگۈچى دورىلارغا، ئورۇنباسار دورا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىلاجى بار ئۇرۇنباسار دورا ئىشلەتكەندە ئۇرۇق دورىلارغا ئۇرۇق تۈرىدىكى دورا، مەدەن دورىلارغا مەدەن تۈرىدىكى دورا، يېلىم دورىلارغا يېلىم تۈرىدىكى دورا ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىش لازىم.

ئىككىنچى بۆلۈم

 ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئەمەلىيتىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خام دورىلار

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك _ دورىگەرلىك كىلاسسىك كىتاپلىرىمىزدا 3000 خىلدىن ئارتۇق خام دورا تونۇشتۇرۇلغان، ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ خام دورا ئىلمى دەرىسلىكى (3 قىسىم) گە 766 خىل دورا يېزىلغان ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇنىۋېرسىتېنىڭ  خام دورا ئىلمى دەرىسلىكى  (2قىسىم) گە 913 دورا يېزىلغان، بىز تۆۋەندە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىكىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۆگىنىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ھەمدە مۇھاجىرەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان خام دورىلارنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خۇسۇسىيەتلىرى (تەسىرلىرى) بويىچە ئايرىپ ئەڭ قىسقا، ئەڭ ئىخچام ھالەتتە تونۇشتۇرىمىز.

 

1.خىلىتسىز غەيرى تەبىئىي كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار

خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتېرىلىك كېسەللىكلەر، ھەرخىل سەۋەبلەردىن قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن، بەدەندىكى خىلىتلاردا ياكى بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىدە ھېچقانداق ئ‍ۆزگىرىش بولماستىن، فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

خىلىتسىز غەيرىي تەبىئىي كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتېرىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار بولۇپ، مىزاج بۇزۇلۇشقا سەۋەب بولغان كەيپىياتقا قارىتا قارىمۇ – قارشى كەيپىياتتىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇخىل دورىلار قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.

 

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتېرلىك كېسەللىكلەردە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. پەقەت قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن ئەزالارنىڭ مىزاجىدا بۇزۇلۇش بولىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى، ئاساسلىقى ئىسسىق جايلاردا ئۇزۇن تۇرۇپ ئىشلەش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، بەدەن سىقىراپ ئاغرىش، ئۇسسۇلۇق كۆپ بولۇش، سوغۇقتىن راھەت ھېس قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇلارغا قارىتا تۆۋەندىكى ھۆل سوغۇق كەيپىياتتىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇخىل دورىلار قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ.

[1]  ئا. سۈھەيىل ئەنۋەر: «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت»، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى، 1997 – يىل نەشرى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button