تېرە كېسەللىكلىرى

  • قىچقىشقاق كىسەللىكنى تونۇش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

    ﻗﯩﭽﯩﺸﻘﺎﻕ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ:ﺑﯘﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯩﯔ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻧﯩﭙﯩﺰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻣﻮﺩﯗﺭﻻﺭﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﯩﺮﻩ…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • ئەسۋىلىك يەلتاشما ۋە ئۇنى داۋالاش

    تۇنۇش كىچىك بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرىلىدىغان بۆرتمىلىك ئەسۋىسىنى ئاساس قىلىدىغان زىيادە سىزىمچانلىق تېرە كىسىلىدىن ئىبارەت. سەۋەبى (1)سارغۇچ رەڭلىك سەپرا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇخىل غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتى ، سەپرانىڭ تەركىبىگە سۇيۇق بەلغەم خىلتىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بەدەندە بۇخىل نورمالسىز سەپرا شەكىللەنگەندە سەپرا خىلتىنىڭ تەبىئى خىزمىتى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، ھەمدە سپرا خىلتى قىيام جەھەتتىن سۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيتى تۆۋەنلەپ قان تومۇرلاردىن سىرغىپ چىقىپ توقۇلما ئارلىقلىرىدا يېغىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەدرىجى يەرلىك ئورۇندا ماددا ئالمىششىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. نورمالسىز خىلىت سىرىتقا چىقالماي يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. (2)قاننىڭ ئۇفۈنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۆتكۇر ئىسىقلىقنىڭ قان خىلتىغا تەسىر قىلىشى سېسىغان،چېرىگەن، بۇزۇلغان ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى تاشقى تەرەپتىن قان خىلتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلتى بوزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىششىىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. (3)سىرتقى مۇھىتتىكى ھەرخىل خېمىيلىك فېزىكىلىق بويۇملار،كىسلاتا ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولغان بويۇملار،ھاشارەت ۋە پارازىت قۇرتلار ھايۋانلارنىڭ پەي-مويلىرى،ئۆسۈملۈك چاڭلىرى ھەم بەزى دورىلارغا ئۇچرىشش سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇن غىدىقلاشقا ئۇچراپ يەرلىك ئورۇننىڭ سىزىمچانلىقىنى ئاشۇرۋىتىش سەۋەبىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى ياز ۋە كۈز پەسىللىرى كۆپ كۆرۇلىدۇ. بەل، مۆرە،قورساق ،ساغرا،پاقالچاق قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ئەسۋىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىللىك بولۇپ دىئامىترى 1-2سانتېمىتىر بولغان دۆڭچە ئەسۋىسىنى ئاساس قىلىدۇ.تېرە ئەسۋىسىنىڭ ئۇزۇن ئوقى تېرە سىزىقى بىلەن بىردەك بولىدۇ. تېرە سىزىقى ئۈستىگە چوڭ قاپارتقۇ ياكى قانلىق قاپارتقۇ چىقىپ ئەسۋىلىك يەلتاشما كۆپىنچە كىچىدە پەيدا بولۇپ، 2-12كۇن داۋاملىشىپ ئاندىن يوقىلىدۇ. يەرلىك ئورۇندا ۋاقىتلىق پىگىمىنت چۆكمىسى قالىدۇ. قاتتىق قىچىشىپ قىچىششنى تاتىلاشتىن يۇقۇملىنىدۇ. داۋالاش پىرىنسىپى 1-سارغۇچ سەپراغا قارىتا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن،سەپرا بىلەن بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ بېرىپ ماددىنى تازىلاش پىرىنسىپى قوللىنىدۇ. 2-قان تازىلاش،ياللۇغ قايتۇرۇش پىرىنسىپى قوللىنىدۇ. داۋالاش ئۇسۇلى يەككە دورا بىلەن داۋالاش 1-يالپۇزنى ئىزىپ سۇيىنى چىقىرىپ گۇلاب بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىش لازىم. 2-ھۆل چاققان ئوتنىڭ پۇتۇن چۆپىنى سوقۇپ سۇيىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا سۇرتۇش لازىم. مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش 1-سارغۇچ سەپراغا قارىتا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيى، سەپرا بىلەن بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 3-5كۇن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ. سەپرانىڭ مۇنزىچى چىلان15گىرام،گۇل بىنەپشە10گىرام،سەرپىستان15گىرام،قىزىلگۇل10گىرام،كاسىنە ئۇرىقى15گىرام،شاھتەررە10گىرام،نېلۇپەر گۇلى10گىرام، ئەينالۇ15گىرام ،تەرخەمەك ئۇرىقى10گىرام،ئىت ئۇزۇمى10گىرام قاتارلىقلار. بەلغەمنىڭ مۇنزىچى…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • يۈزدىكى داغنى چۈشۈرۈشنىڭ ئۈچ رىتسپى

         1) ئۈچ سەر ئۆرۈك مېغىزى، يېرىم قوشۇق تۇز ئۇپا ھالىتىگە كەلگۈچە سوقۇلىدۇ، ئاندىن ئازراق قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۇماچ…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • سۆگەلنى داۋالاشنىڭ تۆت رىتسىپى

        1) سۆگەلگە چىڭگىلىك (ئۆسۈملۈك) سۈتىنى كۈنىگە 6-7قېتىم سۈركەشنى ئۇدا بىر ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرغاندا، سۆگەل ساقىيىپ كېتىدۇ ياكى كىچىكلەپ چۈشۈپ كېتىدۇ.…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • يۈزدىكى داغنى يۇقۇتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

         1.قاينىتىلغان چامغۇر سۈيىدە يۈزنى يۇيۇپ بەرسە داغ چۈشۈدۇ.      2.ئاخشىمى ھۆل ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئىزىپ ياكى چايناپ يۈزگە…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • دانخورەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

    تۇنۇشى: دانخورەك تىرىگەتەۋە قوشۇمچە ئەز كىسەللىكى بولۇپ ياشلىق دەۋىردە كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل تۈك خالتىسى ۋە تىرە ماي بەزلىرىنىڭ سوزۇلما…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • ھۆل تەمرەتكە كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

    ھۆل تەمرەكتە 1.      تۇنۇش: تىرىدە ئۇششاق ئەسۋە كۆتۈرلۈش ئاساسىدا تىرە زەخمىلىنىپ، ۋە قىچىشىشپ تاتىلىدىغاندا سېرىق سۇ چىقىدىغان سوزۇلما…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • يەلتاشما كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

    .      تۇنۇش ھەسساسىيەت تۈپەيلىدىن تىرە شىللىق پەردىلەردىكى قان-تۇمۇرلاردا رىئاكىسيە يۈز بىرىپ، قان تۇمۇرلار ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىققان…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • تېرىنىڭ قۇشۇمچە ئەزالىرى

    تىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ، تىرىنىڭ قوشۇمچە خىزمىتىنى بىجىرىدىغان ئەزادۇر. 1-     چاچ تۈكلەر:  پۈتۈن بەدەندىكى تىرىلەردە: ئالقان، تاپان، ئەمچەك تۈگمىسى، كالپۇك…

    داۋامىنى ئوقۇش »
  • باش تەمرەتكىسى  كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

    1.تونۇش : بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان ، باش قىسمىنىڭ بىر جارسىملىق يۇقۇمدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما تىرە كىسەللىكىدۇر. 2.    …

    داۋامىنى ئوقۇش »
Back to top button