ئەرەستۇ]ئارستو تېل ]
ئەرەستۇ مىلادىدىن 384 يىل بۇرۇن يۇناننىڭ سىتاجىرا دېگەن يېردە تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن 322 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان .دادىسى ماكىدونيە پادىشاھى ئامىتتانىڭ مەخسۇس تېۋىپى ئىدى ئەرەستۇ نام ۋە شۆھرەتتە ئەپلا تۇندىن قېلىشمايدىغان ئالىم . ئۇ ئۆسمۈر ۋاقتىدا دادىسىغا ئەگىشىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن . 17يېشىدا دەسلەپكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئافىنا شەھىرىگە كېلىپ ئەپلاتۇندىن پەلسەپە، ھېكمەت ئىلمىي ئەخلاق، سىياسەت،مەدىنيەت، تەبىئىي پەن ۋە ئىلاھىيەت، رىيازىيەت ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن . بۇ ھەقتە چوڭ شۆھرەت قازانغان .200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئالىملىرى ئارستوتېلىغا [بىرىچى ئۇستاز ] دېگەن نام بىلەن قول قويغان . 10- ئەسىردە ئەرەستۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، دۇنيا بويىچە نام چىقارغان بىزنىڭ ئۇلۇۇغ ئالىمىمىز پەيلا سوپ ئەبۇنەسىر فارابىغا [ئىككىنچى ئۇستاز ] دەپ نام بېرىلگەن . جاھان تارىخىدا داڭدار شەخس ئالېكساندىر ماكادۇنىسكى [ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ] گە ئەرەستۇ مۇئەللىملىك قىلغان . بەزىلەر ئەرەستۇ مىلادىدىن 342 يىل بۇرۇن ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغىچىلىك كەلگەن دەيدۇ . ھەرھالدا ئەرەستۇ دۇنياغا ئىلىم ۋە مەرىپەت نۇرى چاچقان مەشھۇر تارىخىي شەخىسلەرنىڭ بىرىدۇر .
ئەرەستۇ يالغۇز پەلسەپە ۋە ئىلىم ساھەسىدە ماھارەتلىك بۇلۇپلاقالماستىن، سىياسەت ئىلمىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلك سەۋىيگە ئىگە . شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى مىلدىدىن بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ جاھانگىر دۆلەت ماكىدۇنىينىڭ پادىشاھى يۇنان، ئوتتۇراشەرىق، مىسىر، ئەرەپ، ئىران، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالارنى ئىشغال قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ مەسىلىھەتچىلىكىگە تاللىغان ئىدى . لېكىن، ئەرەستۇ ئىسكەندەرنىڭ ئۇ يەردە يۈرگۈزگەن زالىم ھەركەتلىرىدىن نارازى بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن .
ئەرەستۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئالىم ۋە پەيلا سوپ بۇلۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھازىرقى دۇنيا تارىخىدا شەرەپلىك ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئىشق –مۇھەببەت، روھىي كەيپىيات ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى ھازىرغاقەدەر ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە .
ئەرەستۇ ئۆز ئەقلى ۋە ئەقىل تەپەككۇرى بىلەن كەشپ قىلغان نەزەرىيىنى ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئۆتكۈزمىگۈچە ھەرگىز ئېلان قىلمايتتى . ئۇنى تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۆزۈپ، تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قۇياتتى .
ئەرەستۇ ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە ياخشى شارائىتقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەرخىل تەتقىقات نەمۇنىلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى تەجرىبە قىلغان . مەسلەن ھەر خىل ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، مەدەنلەرنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، توغراپ، ئۇلاپ، يېتىشتۈرۈپ كۆرگەن . ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاش، ھايۋانلارنى نەسىللەندۈرۈش، مەدەنلارنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بىر خىل ئۆسۆملۈككە يەنە بىر خىل ئۆسۆملۈكنى ئۇلاپ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورگانىك ئەزالىرىنى ئالماشتۇرغان ۋە ئۆزگەرتىپ كەشىپ قىلغان . ئۇ، ئادەملەرگە بۇ خىلدىكى تەجرىبىلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئەرەستۇ بىر سوتكىدا تۆت سائەتلا ئۇخلايتتى . ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بۈگۈنكى پەن –تېخنىكا كەشپىياتى ئۈچۈن چوڭ ئۆرنەك بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەنتىق [ لوگىكا ] ئىلمىنى تۇنجى بۇلۇپ كەشپ قىلغان كىشى دەل ئەرەستۇدۇر .