تۆھپىكار ئوستازلار

قۇسقۇي

قۇسقۇي يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق ئۇزۇقلۇقشۇشناس بۇلۇپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تۈرلۈك ھۈنەر –سەنئەت بىلەن خىلمۇ خىل تائام تۈرلىرىنى، تەييارلاشقا ئوخشاش بىر قاتارپەن – تېخنىكا تەراققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان  .
ھازىرچە قۇسقۇينىڭ بىئوگرافىيىسىگە ئائىت مەلۇماتلار ئانچە تولۇق ئەمەس . ئەمما ئۇنىڭ پادىشاھ  يۈەن شىڭزاڭ تېمۇر [ مىلادى 1294 – 1307 يىللار تەختتە ئۇلتۇرغان ]،يۈەنشۈندى – توقۇن تىمۇر، يەنى ئۇلجايتۇ قاغان    [مىلادى 1333 – 1368 –يىللار تەختتە ئۇلتۇرغان ] زامانىدا يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا ساراي داستىخانچىسى بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بار .
قۇسقۇينىڭ ئاتا – بوۋىسى قۇبلەيخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئىلى دەرياسى بويىغابارغاندا موڭغۇل قۇشۇنلىرى بىلەن بىللە ئىچكى ئۆلكىلەرگەبېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان  .
قۇسقۇينىڭ بوۋىسى ھەربى ئەمەلدار ۋە ئايماق ۋالىيسى بولغان . دادىسى ئوقۇتقۇچى، كېيىن مىرزا بېگى بولغان  .
قۇسقۇي بولسا كىچىكىدىن تارتىپلا زېرەك، تىرىشچان، سۆزمەن بۇلۇپ، دەسلەپتە بۇددا راھىبلىرىدىن تەلىم ئالغان كېيىن موڭغۇلچىنى ۋە خەنزۇچىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىبابەتچىلىك ۋە ھەرخىل تائام تۇرلىرىنى تەييارلاش جەھەتتە خېلى چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولغان . قۇرامىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى تۇرغاۋۇتلارنىڭ ئامبىلىغا تۇنۇشتۇرغان . ئەمما، قۇسقۇي ئەسكەر بۇلۇش ۋە قۇرال تۇتۇشنى خالىمىغانلىقتىن، يەنىلا كىتاپ ئۇقۇپ يۇقىرىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تىبابەتچىلىك، ئوزۇقلۇقلارنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بىلىم ئاشۇرغان . ئۇندىن كىيىن  خاندانلىقتا ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن . كېيىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ ساراي داستىخانچىسى، يەنى خان جەمەتىنىڭ غىزا تائاملىرىنى تەييارلاش، تائام تۇزىنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولغان  .
قۇسقۇي يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى، تازلىقى ئۈستىدەكۆپ يىللار ئىزدىنىپ  ئۇزۇقلۇقشۇناس دەپ نام ئالغان . ئۇنىڭ [تائام تەييارلاش دەستۇرى ] دېگەن داڭلىق ئەسىرى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يېمەكلىكلەر تازلىقى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلىققا دائىر تۇنجى ۋە مەخسۇس ئەسەر ھېساپلىنىدۇ .
بۇ ئەسەردە تۈرلۈك يېمىكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى،دورا-دەرمەكلەرنىڭ    قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى، يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ تازىلىقى ۋە يېمە–ئىچمەكتىن
زەھەرلىنىش قاتارلىقلارئۈستىدە خېلى چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان . [ تائام تەييارلاش دەستۇرى ] نەشىر قىلىنىش بىلەنلا پۈتۈن جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغان، ھەتتا بۇكىتاپ بىرنەچچە قېتىم كۆپەيتىلىپ بېسىلغان شۇنىڭدەك [ پايتەخت لۇياڭدىكى ئەڭ قىممەتلىك كىتاپ ] لار دىن بىرى بۇلۇپ قالغان شۇنىڭدىن كېيىن ساراي ئىچى- سىرتىدا قۇسقۇينىڭ مەرتىۋىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئابرويى بارغانسېرى ئۆسۈپ، ۋەزىر – ۋۇزرالار تەرىپىدىن نەچچە يۈز تىزىق يامبۇ بىلەن تارتۇقلىنىش  بىلەن بىرگە، كىشلەر تەرپىدىنمۇ ئالاھىدە ھۈرمەتلىنىدىغان بولغان  .
قۇسقۇينىڭ بۇ [ تائام تەييارلاش دەستۇرى ] جەمئىي ئۈچ جىلد بۇلۇپ، بىرىنچى جىلدتا، تۈرلۈك يېمەكلىكلەر،گۆش، تۇخۇم ، سەۋزە، بېلىق، ۋە ھەرخىل مېۋە – چېۋە قاتارلىقلار؛ ئىككىنچى جىلدتا يېمەك –ئىچمەكلەرنىڭ خۇرۇچلىرى مەسلەن، ئائىلىدە ئىشىلتىدىغان ھەر خىل ھاراق، ئاچچىقسۇلارنى ياسىغاندا ئۇنىڭغا قايسى خىلدىكى خام ئەشيا ۋە ماتېرىياللارنى ئارلاشتۇرۇش، ۋە تېۋىنى ۋە ۋاقتىنى  قانداق تەڭشەش، قايسى خىلدىكى دورا –دەرمەكلەرنى
ئارىلاشتۇرغاندا غىزانىڭ تەمىنى تەڭشىگىلى، پۇراقلىق، مەزىلىك قىلغىلى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ كېسەلدىن خالى بولغىلى بولىدىغانلىقى، دىققەت قىلمىسا قانداق كېسەلگە مۇپتىلا بولىدىغانلىقى، قاتارلىقلار؛
ئۈچىنچى جىلدتا، ئاشلىق بىلەن كۆكتات، يەنى بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ، تېرىق، چامغۇر، پەمىدۇر، يېسىۋىلەك،يۇمغاقسۈت،قوغۇن – تاۋۇز ۋە باشقىلار   ھەققىدەسۆزلەنگەن
قۇسقۇي [تائام تەييارلاش دەستۇرى ] دا ئوزۇقلۇقنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى  رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ [ ئەڭ ياخشىسى دورىنى ئاز يېيىش كېرەك، ئادەتتىكى چاغلاردا يېمەك – ئىچمەكنىڭ  ئۇزقلۇق نىسبىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىسە، دورا ئىچمەيمۇ كېسەلنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ ] دەپ قارىغان  ئىدى .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button