ھۆسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى
مەشھۇر ئالىم ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۆسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسى زۇڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدىكى دىنىي ئالىم ، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا – ئانىسى ئۇنى مەككىگە ئېلىپ بارغان ۋە باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان . قۇتبىدىن شاھ پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغا . ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلى شەھىرىدىكى [دېھلى دارىلئۇلۇم ] مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ [ ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى ]دا كېيىن ئافغانىستاننىڭ [ كابۇل دارىلفۇنۇنى ] دائوقۇتقان . تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەپ،پارس، ئوردۇ ۋە ھىندى تللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن . بۇلاردىن تاشقىرى دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنمۇ پىششىق تونۇشقان، ئاشۇ ساھەدىكى پېشۋالارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ نەتىجىلىرى بىلەن [ مەۋلىۋى ] لىككە ئېرىشىپ، مەدرىسنى تاماملىغان تەجەللى مەككە، مەدىنە،دېھلى، كابۇل،تېھران، ئىستامبۇل، ھەتتاككى روسىيىدىكى بەزى شەھەرلەرگىچە بېرىپ،خىلى بىر مەزگىللەر گىچە ساياھەت ۋە سودا – سېتىق ئىشلىرى بىلەن تۇرۇپ قالغان . تەجەللى ھەج ۋە ئوقۇشنى تۈگىتىپ،ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق جايلاردامۇدەررىسلىك قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . خىميە ئىلمى بويىچىمۇ تەجرىبە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى تىبابەتچىلىك بىلەن بىر لەشتۇرگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن . تىبابەتچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېسەللەرنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بۇلۇپ، يوقسۇللارنى داۋالىغاندا ھەق ئالمىغان ياكى ئاز ھەق ئالغان . ئۇ،ئۆزىنىڭ تىببىي ماھارىتى بىلەن خەلىق ئارىسىدىكى ھەرخلكېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ۋە سىل كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاپلا قالماي، بەلكى راك [سەرتان ] كېسىلىنىمۇ ئىلان گۆشى [ زەھىرى ] بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋالاپ ساقايتقان .
تەجەللى يەرلىك ئوت-چۆپ دورىلارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ كېسەل كىشىلەرنى كۆپىنچە ئاددىي دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتقان
دورىگەرلىك جەھەتتە قەدىمكى تببىي كىتابلاردىكى نوقتىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياك، ھەببى، زوفا، ھەببى جەۋھىىرى، ھەببى ئازارىقى [ ستىرخىنىن كومۇلىسى ] ،پولات كۇشتىسى،سىماپ كۇشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىپ خەلقنى داۋالاپ كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان .
تەجەللى 7000 خىل دورىنىڭ ئىسمىنى بىلگەن، 5000 خىل دوراياسىيالىغان ھەمدە [تەجەللى نۇسخىلىرى ] ناملىق قول يازما كىتابىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ ۋارىس قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زورتۆھپە قوشقان . خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ 125 ياشلىق مۇدۇر ۋراچى مەرھۇم تۇردى ھاجى [ مەزكۇرغا 1983 يىلى مۇدۇرۋراچلىق ئۇنۋانى بىرىلگەن ئىكەن ] ، قاغىلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندى، ياسىن ئاخۇن داموللا، سەيدىنا ئەپەندى [ ئافغانىستانلىق ] سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجى، ئىبراھىم ھاجى، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجى قەشقەرى [سۆھبەتدىشى ]، مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار تەجەللىنىڭ تىببىي ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان پىشقەدەم داڭلىق تېۋىپلاردۇر .
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇ قادىر ھاجىدا [ مىزان تېۋىپ ] ناملىق بىر كىتاپ بۇلۇپ، ئۇنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرىدا تەجەللىنڭ يەككە دورىلار رېتسېپى 75 پارچىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ رېتسېپى ئۈچ پارچە، قورساق ئاغرىقى [ ئىچ ئۆتكۈ ]، قىزىل، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر، باش، قۇلاق ، چىش ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدىغان رېتسېپلاربار . ئۇنىڭدا يەنە ئادەم داۋالايدىغان رېتسېپلاردىن باشقا ، چارۋا ماللارنى داۋالاش تۇغرىسىدىمۇ رېتسېپلار بار .
ئۇيغۇرخەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئالىم ھۈسەيىنخان ئەكبەر [تەجەللى ] نىڭ تىبابىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، ئۇ ئۆزى ياشىغان دەۋردىن باشلاپ تا ھازىر غىچە كىشىلەر ئارسىدا مەدھىيىلىنىپ كەلمەكتە .