ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرقانچە مۇھىم نۇقتىلار
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا نېمە؟
ئەيدىزنىڭ جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش، قان ئارقىلىق تارقىلىش، ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىشتىن ئىبارەت 3 خىل تارقىلىش يولىغا قارىتا مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى سىرتقى مۇھىتتا قانداق يوقىتىلىدۇ؟
HIV نىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى نىسبەتەن ئاجىز℃56 تا 30 مىنۇتتا پۈتۈنلەي ئۆلىدۇ. ئاساس، ئۇ بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر ئەمەس، ئىسسىقلىق، قۇرغاق ۋە ئادەتتە ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيەە دورىلىرى مەسىلەن: ئاقارتقۇچى پاراشوك، ئىسپىرت، قوش ئوكسىگىنلىق سۇ قاتارلىقلارغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يوقىتالايدۇ. شۇڭلاشقا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا ئۈنۈمى بولغان دېزىنفېكسىيەە ۋە يوقىتىش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئەيدىز ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ئۈنۈمى بار.
جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟
جىنسىيەت ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىش، جورىسىغا سادىق بولۇش ۋە بىخەتەر جىنسىي ئالاقە بولسا ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردۇر. سۈپىتى ئۆلچەملىك بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى (ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى) توغرا ئىشلىتىش بولسا، ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ. جىنسىي كېسەل بولغاندا ياكى جىنسىي كېسەلدىن گۇمان قىلغاندا دەرھال بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ياكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى، داۋالىنىشى لازىم.
قان ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟
زەھەردىن يىراقلىشىپ، زەھەرنى تىزگىنلەش لازىم. زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغۇچىلارنىڭ زەھەر تاشلىشىغا ياردەم بېرىش، تاشلاشقا ۋاقتىنچە مۇمكىن بولمىغان زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلارغا مېتادون بىلەن ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى (قوللاپ داۋالاشمۇ دېيىلىدۇ) ۋە پاكىز يىڭنە، ئىشپرىس ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورتاق ئىشپرىس ئىشلىتىپ زەھەر چېكىشنى ئۆزگەرتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توساش كېرەك.
ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتىلاسىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن قان سۇيۇقلۇقى، قان ياسالمىلىرى، ئەزالارنى قوبۇل قىلماسلىق، قاتتىق دېزىنفېكسىيىلەشتىن ئۆتمىگەن ئىشپرىسلارنى ئىشلەتمەسلىك، باشقىلار بىلەن ئىشپرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق بىخەتەر ئوكۇل ئۇرۇش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش لازىم.