ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 9 رېتسېپ
ئەيدىز ( AIDS ) نىڭ تولۇق نامى « ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى » بولۇپ، ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ، ھازىرچە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى بولمىغان، ئاغرىپ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىك. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ناھايىتى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەننى زەئىپلەشتۈرۈپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئەيدىز ( AIDS ) ئاساسلىقى قان، مەنىي، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈت قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ؛ تارقىلىش يوللىرى بولسا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ:
1. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش: يات جىنىسلىقلار ياكى ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ .
2. قان ئارقىلىق تارقىلىش: دېزىنفېكسىيىلەنمىگەن شپىرىس ۋە زەھەر ئوكۇل قىلىشتا ئىشلەتكەن يىڭنە، تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قان ياكى قان ياسالمىلىرى، دېزىنفېكسىيىلەنمىگەن ياكى دېزىنفېكسىيىلەش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ھەرخىل داۋالاش ئەسۋابلىرى ( مەسىلەن: يىڭنە ، داۋالاش يىڭنىسى، چىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئەسۋابلىرى، ھۆسىن تۈزەش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلار )، ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ .
3. ئانىدىن بالىغا تارقىلىش: بالا ھەمراھى، تۇغۇت يولى ۋە ئېمىتىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ .
ئەيدىز ( AIDS ) ھاۋا، يېمەك – ئىچمەك ( سۇ ) ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئادەتتىكى ئۇچرىشىش ( مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش؛ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئورۇندۇق، تەرەت تۇڭى، ۋاننا قاتارلىقلاردا ئولتۇرۇش )؛ قەغەز پۇل، تەڭگە، بېلەت، تالۇنلارنى ئىشلىتىش؛ پاشا – چىۋىنلار چېقىۋېلىش، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق تارقالمايدۇ.
گەرچە ئەيدىز( AIDS ) ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن، شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 9 رېتسېپ تۆۋەندىكىچە :
(1) قانۇن ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلىش، ئۆزىنى پاك تۇتۇش ھەم قەدىرلەش، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن جىنسىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك .
(2) نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىشقا ئوخشاش قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق.
(3) ھەرقانداق شەكىلدە زەھەر چەكمەسلىك، زەھەردىن يىراق تۇرۇش.
(4) لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ياسالمىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، زۆرۈر بولمىغاندا قان بەرمەسلىك.
(5) ئۆلچەملىك دېزىنفېكسىيىلەنمىگەن داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئوكۇل سالدۇرۇشتىن، چىش تارتقۇزۇشتىن، يىڭنە سانچىپ داۋالىتىشتىن، ھۆسىن تۈزەتكۈزۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش.
(6) چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك.
(7) كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش جەريانىدا، يارىدارلارنىڭ قېنىنى يۇقتۇرۋېلىشتىن ساقلىنىش.
(8) ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ۋە توغرا ئىشلىتىش.
(9) جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئۆزۋاقتىدا، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىپ، كېسەللىك ئوچىقىنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.