ئەيدىز بىلىملىرى

HIV ۋە ئېممۇنىتېت سىستېمىسى

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئېممۇنىتېت سىستېمىسىغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن پەقەت HIV (ئەيدىز ۋىرۇسى) ئانتېتلاسى (抗体) مۇسىبەت بولغۇچىلارنىڭلا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەيدىزنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك! ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۈچ ياكى ئۈچ خىلدىن ئارتۇقHIV  غا قارشى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشكە قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق بەدەن ئىچىدىكى ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشكە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى قىسقارتىلىپ ”ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش“ ياكى ”بىرىكمە داۋالاش ئۇسۇلى“ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئېنگىلىزچىسى Antiretroviral Therapy بولۇپ، قىسقارتىپ ART ياكىARVS  دەپ يېزىلىدۇ. بۇنى يەنە ”ئەبجەش ھاراق داۋالاش ئۇسۇلى“ دەپمۇ ئاتايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button