ئەيدىز بىلىملىرى

پاشا نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرمايدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) پەقەت ئىنسان تېنىدىلا ياشىيالايدۇ، ھەمدە پەقەت ئىنسانلار ئارالا يۇقىدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى پاشىنىڭ تېنىدە ھايات كەچۈرەلمەيدۇ.
پاشا ئادەمنى چاققاندا نەشتىرى ئارقىلىق شۆلگىيىنى ئادەم تېنىگە كىرگۈزىدۇ. پاشا بىر يۇقۇملانغۇچىنى چاققاندىن كېيىن نەشتىرىدە قان قېلىپ قالدى دېسەكمۇ، بۇ قاننىڭ مىقدارى يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. چۈنكى تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان 0.1 مىللىلېتىر قان بولغاندىلا يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ، بىراق پاشا پەقەت 0.0004 مىلللېتىر قاننى سۈمۈرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا پاشا تېنىدىكى قان  يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ.
ئەگەر پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغان بولسا ھەممە ئادەم ئاللىقاچان يۇقۇملانغان بولاتتى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button