ئەيدىز بىلىملىرى
ئەيدىز بىلەن جىنسىي كېسەلنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللىكلەرگە كىرىدۇ. ئۇ تارقىلىش يوللىرى، يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى يۇقىرى بولغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل بىمارلىرى ناھايىتى ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ئۇنى تارقىتىدۇ. باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك جىنسىي كېسەللىكنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلايدۇ–دە، داۋالاش قىيىنلىشىدۇ. ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەللىكنىڭ يۇقۇم دەۋرى ئۇزىراپ، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.