ئەيدىز بىلىملىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ باسقۇچلىرى

ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل قوزغالغىچە بىر جەريان كېتىدۇ. كلىنىكىدا بۇ جەريان 4 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇلار: جىددى يۇقۇملىنىش باسقۇچى، يوشۇرۇن باسقۇچ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە تىپىك ئەيدىز كېسىلى باسقۇچى.
1. جىددى يۇقۇملىنىش باسقۇچى: كېسەل ئالامىتى يېنىك بولغاچقا، كۆپ قىسىم كىشىلەر سەل قارايدۇ. يۇقۇملىنىپ 6-2 ھەپتىدىن كېيىن قان تەكشۈرتۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى مۇسبەت ئىپادىلىنىدۇ. كېيىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساغلاملىققا تەسىر يەتمەيدىغان، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈنمەيدىغان يوشۇرۇن باسقۇچقا ئۆتىدۇ، ئەمما يەنىلا يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
2. يوشۇرۇن باسقۇچ: يۇقۇملانغۇچىدا كلىنىكىلىق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىخەتەر باسقۇچ ئەمەس. كېسەللىك ۋىرۇسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى كۈچىيىپ بارىدۇ. يوشۇرۇن باسقۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ كلىنىكىلىق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچ 10-2 يىلغىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەيدىزنى بايقاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا زور قىيىنچىلىق توغدۇرماقتا.

  1. ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى:
    يوشۇرۇن باسقۇچتىن كېيىن بەدەندەئەيدىز ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بىماردا ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، كېسەل ئەھۋالى سەل يېنىك بولىدۇ.
    4. تىپىك ئەيدىز كېسىلى باسقۇچى: بەزىلەر بۇ باسقۇچنى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش باسقۇچى دەپ ئاتايدۇ. بۇ باسقۇچتا 3 ئاساسىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىدۇ. ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئېغىرلىشىپ، ھەر خىل جانغا زامىن بولىدىغان يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، بەدەندە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، ھەر خىل ئېغىر كېسەللەر پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button