تائام مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتى

ئۆي نېنى
‹‹نان›› پارسچە سۆز بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋىرىدە ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن. نان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ئەتمەك›› دەپ ئاتالغان ( تۈركىي تىللار دىۋانى. 1–توم 138–بەت ). قۇمۇلدىكى قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن ئارخېئولوگىيەلىك قېدىرىش جەريانىدا بىر دانە تېرىق قاتلىمىسى بايقالغان. شۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان باشقا ئەۋرىشكىلەرنى كاربون 14 ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى 3000 يىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ، تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدا ئارخېئولوگلار 1969–يىلى قېزىش ئېلىپ بېرىپ ، 1400 يىل بۇرۇنقى بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان شەكلى ۋە گۈل نۇسخىلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىستېمال قىلىۋاتقان نانغا ئوخشايدىغان بىر دانە ناننى تاپقان. بۇنىڭدىن باشقا قارا شەھەردىكى تاڭ سۇلالسى دەۋرىدىكى قەدىمقى شەھەر ‹‹ تاڭ ۋاڭ شەھىرى ›› دىنمۇ بۇغداي ۋە ناھايىتى يۇمشاق تارتىلغان بۇغداي ئۇنى تېپىلغان . ئارخېئولوگىيەلىك ۋە يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئېلىمىزدە ئۇن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ، بولۇپمۇ نان ، قاتلىما قاتارلىقلار شىنجاڭدىن تارقالغان . ( ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›› ژۇرنىلى ،1991–يىلى 2–سان . 24–بەتتىن ئېلىندى ).
خەن سۇلالسى دەۋىرىدە ئۇنلۇق يېمەكلىكلەر نان (قاتلىما)دېيىلگەن . ليۇشى يازغان ‹‹ سۆزلەر ئىزاھى ›› دا ناننى ‹‹ غۇر (خۇر)نېنى ›› (胡饼) دېگەن . بۇخىل يېمەكلىك ئوتتۇرىسى نېپىز ، گىرۋەكلىك بولۇپ، يۈزىگە كۈنجۈت سۈركەيدۇ، دەپ خاتېرلەنگەن. ئۇنى پىشۇرۇشتا يەنە كۈنجۈت يېغى ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ غەربىي شىمالىغا تارقالغان بولغاچقا ، ‹‹ غۇز نېنى ›› دېيىلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن ، بۇ خىل يېمەكلىك قىزغىن قارشى ئېلىنغان . شۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ناننىڭ غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرگەنلىكى ئېنىق.

گۆش نان
نان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەندە يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن ئەدىب ۋە ئالىملار ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تاڭ سۇلالسى دەۋرىگە كەلگەندە ، يۇقىرى قاتلامدىن خەلق ئىچىگە تارقىلىپ ، بارا–بارا ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىككە ئايلانغان. شۇنداقلا ناننى كىشىلەر بازاردىن سېتىۋالالايدىغان بولغان. شىمالى سۇڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە ، ناننىڭ ئومۇمىيلىشىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. بۇ ھەقتە جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مىڭ يۈەنلاۋنىڭ ‹‹ شەرقىي ئاستانىدە ساقلانغان خاتىرىلەر›› دېگەن كىتابىدا ، شىمالى سۇڭ سۇلالسىنىڭ مەركىزى كەيفىڭنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى تەسۋىرلىگەندە ، كەيفىك شەھىرىدىكى يېمەكلىكلەر دۇكىنىدا ‹‹خۇ نېنى›› ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ بارلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.
تارىخچى چىن سىخى نان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مىسىر ۋە غەربى ئاسىيادىكىلەرنىڭ تۈگمەننى كەشىپ قىلىپ، قاتلىما ياساش ھۈنىرى بىزدىن ئىلگىرى بولغان. غەربىي يۇرتتىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ تۈگمەن ئۇنىدا توقاچ ئېتىشنى ھۈنىرىنى ئىگەللىگەن ، كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان بولۇپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ يېمەكلىك ئۇسۇلىنى بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرگەن››.

چوڭ نان
ئۇيغۇرلار تارىختا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىسىدا ناننىڭ سۈپىتىنى ۋە شەكلىنى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلىغان. بۇ خىل ئەھۋالنى بىز ناننىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدىن بىلىۋالالايمىز. بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر نانلىرى پىياز نان، گىردە نان، توقاچ نان، سەپەر نان، كۈنجۈتلۇق نان، شېكەر نان، گۆشنان، كاكچا نان، بىجاق نان، شىرمان نان، ھەمەك نان، پېتىرنان،، ياغ نان، دامان نان، چىگىردەك نان، كۆمەچ، قىيمىلىق قاتلىما نان، جەۋەندە نان، جىرىس نان، زاغرا نان قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.

Back to top button