شىپائى غىزا

مەنىي تىز يۈرۈپ كېتىشىنىڭ غىزائىي داۋاسى

1- نۇسخا
تەمرى ھىندى مېغىزىدىن 30 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 60 گرام قارا شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كومىلاچ تەييارلاپ، كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر كومىلاچتىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
تەسىرى: مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
2- نۇسخا
زەنجىۋىل، كۇندۇر، قەلەمپۇر، خولىنجانلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، چالا سوقۇپ، كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ بىلەن دەملەپ ئىچىدۇ.
تەسىرى: سوغۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
3- نۇسخا
كاۋاۋىچىندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ جىنسى ئالاقىدىن بۇرۇن ئېغىزغا سېلىپ شۈمۈرۈلىدۇ.
تەسىرى: مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
4- نۇسخا
25 گرام ئالقات، 30 گرام خام ئەگرى سۇناينى يىرىك سوقۇپ، شېشىگە سېلىپ، 150 مىللىلېتىر ئاق ئەرەق قۇيۇپ، ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، 15 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 10- 20 مىللىلىتىرنى ئىسسىتىپ، ئاچ قورساققا (تاماقتىن بۇرۇن) ئىچىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ دورىنى ئىچكەندە سامساق، پىياز يېيىشكە بولمايدۇ.
تەسىرى: مەنى تىز يۈرۈپ كېتىش ۋە بۆرەك ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.
5- نۇسخا
100 گرام قاغا جىگدىسىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈلدۈرۈپ، سۈيىگە 35 گرام شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىچىدۇ.
تەسىرى: مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
6- نۇسخا
قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇرنى يۇيۇپ توغراپ سېلىپ، كاۋاۋىچىن ۋە رەيھان ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ داكىغا ئوراپ سېلىپ قاينىتىپ، چامغۇر پىشقاندىن كېيىن دورىلارنى سۈزۈۋېتىپ، چامغۇردىن مۇۋاپىق مىقداردا يەيدۇ، سۈيىدىن ئىچىدۇ.
تەسىرى: مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
6- نۇسخا
15 گرام ئاپلىسىن پوستىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ تالقانلاپ، 100 گرام تۇخۇم يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. (ياكى ئۇرۇقدان ساھەسى مايلىنىدۇ. ).
تەسىرى: ئۇرۇقداننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
7- نۇسخا
100گىرام قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ، تەمى ئوبدان چىققۇچە قاينىتىپ، قەلەمپۇرنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈت مېيى ئارىلاشتۇرۇپ، سۈيى تۈگەپ مېيى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلاپ، بۆرەك، ئۇرۇقدان، دوۋسۇن ساھەلىرى مۇۋاپىق مىقداردا مايلىنىدۇ.
تەسىرى: ئۇرۇقدان مىزاجىنىڭ سوغۇقتىن بۇزۇلىشى، ۋە مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.

  1.   ئوزۇقلىنىش قائىدىسى
    ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قۇۋۋەتلىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، تۇزلۇق، ھۆل، سوغۇق تەبىئەتلىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

    2.  ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىكلەر
    ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشلىرى، (مەسىلەن: پاقلان گۆشى، كەپتەر، بۆدۈنە، توشقان، باچكا گۆشلىرى) ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان شورپا، كاۋاپلار؛ قارا ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن نۇقۇت، كۆممىقوناق، گۈرۈچ، بۇغداي. قاتارلىقلاردا ئېتىلگەن تائاملار؛ يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن سەۋزە، چامغۇر، قىزىلچا، پىننە، بېدە، پالەك، ئەنجۈر، ئۈزۈم، خورما، تاتلىق ئانار، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، بانان، ئالقات. قاتارلىقلار ئىستېمال قىلىنىدۇ.

    3. ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
    چىلىغان سەي، تۇزلانغان يېمەكلىكلەر، مۇچ، ئاچچىقسۇ، قېتىق، لەڭپۇڭ، ھاراق، ھۆللۈكى كۆپ سۇيۇق- سەلەڭ تائاملار، سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەردىن (تاۋۇز، ئاپلىسىن، نەشپۈت.) قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button