شىپائى غىزا

قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەت قىلىدىغان 5 خىل يېمەكلىك

قۇلاق غوڭۇلداش بولسا ھېچقانداق تاشقى غىدىق ياكى ئاۋاز مەنبەسى بولمىغان شارائىتتا كىشىلەردە غەيرىي ئاۋاز ئاڭلاش تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. قۇلاق غوڭۇلداش ئادەمنى بىئارام قىلىپ، تىت-تىت قىلىپ قويىدۇ، دەم ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نېرۋىنى چارچىتىدۇ. ۋاقتىدا داۋالانمىغاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، گاسلىقنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى 5 خىل يېمەكلىكنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قۇلاق غوڭۇلداشقا مەلۇم دەرىجىدە مەنپەت قىلىدۇ.

  1. تەركىبىدە سىنك مول بولغان يېمەكلىكلەر
    قۇلاق غوڭۇلداش كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا سىنك ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى قۇلاق غوڭۇلداش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تەركىبىدە سىنىك ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، بېلىق، جىگەر، تۇخۇم، كالا گۆشى، ياڭاق، شوخلا، يېسىۋىلەك (بەسەي)، ئاپېلىسىن قاتارلىقلار.
  2. تەركىبىدە تۆمۈر ۋە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەر
    ئادەم تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىنىپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭيىشىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دادۇر بولسا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى نىسبەتەن كۆپ بولغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كالتىسىيمۇ كۆپ، نۇقۇت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ كالتىسىي متېابولىزمنى ياخشىلاپ، گاسلىقنىڭ ياخشىلىنىشى، قۇلاقنىڭ غوڭۇلدىشىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  3. سۈت ئىچىش
    سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كۆپچىلىككە ئايان. ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن تۈرىدىكى ماددىلار، كاروتېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى مول. سۈت ئىچىپ بەرگەندە، يەنە بەدەندىكى كالتىسىينى تولۇقلايدۇ. ۋىتامىن ۋە كالتسىي ماددىلىرى بەدەندىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى قۇلاق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  4. ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تولۇقلاش
    ئالاقىدار تەتقىقاتلارغا كۆرە، ئادەم ئورگانىزمىدىكى ئامىنو كىسلاتالىرى، ۋىتامىن تۈرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سىرتقى مۇھىتتىكى شاۋقۇن تۈپەيلى خوراپ كېتىدىكەن. شۇڭا، قۇلاقنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، ئادەتتە ۋىتامىنD، تۆمۈر، سىنك ئېلېمىنتى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، قارا گۆش، قېرىنقۇلاق (مور)، يەرمەدىكى (موگۇ)، تۇرۇپ (لوبۇ)، شوخلا، سامساق ۋە باشقا يېشىل كۆكتاتلار.
  5. بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
    بېلىقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ قان تومۇر دىۋارىدىكى ياغ ۋە خولېستېرىننى ئاجرىتىپ تاشلاپ، قاندا ماي ماددىسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ-دە، ئوتتۇراياش-ياشانغانلاردىكى گاسلىق ۋە قۇلاق غوڭۇلداشنى مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button