ئۇيغۇر تېبابىتىدە غىزالارنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى
ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش ھايات ۋە نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئوزۇقلۇقلارنىڭ قورساقنى تويغۇزۇشتىن باشقا يەنە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغان ۋە بۇ ئوخشىماسلىقلارنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىر كۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. ھەم ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ جانلىقلارغا جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ مىزاجىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوزۇقلۇقلارنىڭ مىزاجى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بەلگىلىگەن.
قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن زامان ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇقلىرىدا بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدىغان تەسىرلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئوزۇقلۇقلاردا بۇ خىل ئوخشىمىغان تەسىرلەرنىڭ بولىشى تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئوزۇقلۇقلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولغان دەپ قاراپ، ئوزۇقلۇقلارنىمۇ تۆت خىل تەبىئەتكە ئايرىپ چىققان. شۇنداقلا ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە كۆرسىتىدىغان تەسىرگە ئاساسەن ئوزۇقلۇقلار بىرقانچە تۈرلەرگە ئايرىلغان. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ئېيتقاندا ئوزۇقلۇقلارنى ئادەم بەدىنىدە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئاساسەن قۇۋۋەتلەش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇش، قىزىتىش ياكى سوۋۇتۇش، قۇرۇتۇش ياكى ھۆللەشتۈرۈش، سەمرىتىش ياكى ئورۇقلىتىش، قويۇلدۇرۇش ياكى سۇيۇقلاندۇرۇش، رەڭگى – روھىنى گۈزەللەشتۈرۈش ياكى خۇنۇكلەشتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە ئوزۇقلۇقلار دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلغان.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە يېمەك-ئىچمەكلەردىن تەييارلانغان ھەر خىل تائاملار، مەلۇم دەرىجىدە ئىش قوشۇلغان ئىچىملىكلەر، ھەر خىل مېۋە – چېۋىلەر، مېۋە – چېۋە ۋە گۈل- چېچەكلەردىن تەييارلانغان، بىۋاسىتە يېگىلى ۋە ئىچكىلى بولىدىغان نەرسىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ غىزا دەپ ئاتىلىدۇ.
غىزا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1. غىزائى مۇتلەق ( مۇتلەق ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان غىزالار ).
2. غىزائى داۋائى ( ئوزۇقلۇق رولى ئاساس، دورىلىق رولى قوشۇمچە غىزالار ).
3. داۋائى غىزائى ( دورىلىق رولى ئاساس، ئوزۇقلۇق رولى قوشۇمچە غىزالار ).