12 خىل يېمەكلىك سىزنى ئەقىللىق قىلىدۇ
دورا ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاشقا يەتمەيدۇ. توغرا ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش ساغلاملىققا پايدىلىق. ئامېرىكا «ياخو ئاياللار تورى» نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى 12 خىل يېمەكلىك ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى:
1. ئورۇق كالا قوۋۇرغىسى، پالەك: تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار كۆپ بولۇپ ئادەمنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
2. قىزىلچا، سېرىق پۇرچاق: بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاممىياكلىق فېنىل ئالانىن(氨基酸苯丙氨酸) مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
3. قارا ئۆرۈك: چوڭ مېڭىنىڭ گلۇكوزىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
4. شىلەن گۈلى: تەركىبىدە مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا بۆسۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. سەۋزە: سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىنβ ۋە باشقا تەبىئىي ئوزۇقلۇق ماددىلار مېڭىنى قوغداشقا پايدىلىق.
6. توخۇ گۆشى: تەركىبىدىكى مول بولغان تروسىن دوپامىن، بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمونىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ماددىلار يەنە ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، ئىنكاسنى تېزلىتىدۇ، زېھنىنى ئۇرغۇتىدۇ.
7. ماندارىن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋېتامىن C بار بولۇپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا يەنە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8. تۇخۇم: تەركىبىدە ۋېتامىن B گۇرۇپپىسىدىكى ئۆت ئىشقارلىرى بار بولۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
9. يېسسى پۇرچاق: تەركىبىدىكى قىزىلمۇچ ماددىسى ئايلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە چوڭ مېڭىگە بىۋاسىتە خۇشاللىق سەزگۈسى يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.
10. كۆك پۇرچاق: چوڭ مېڭىنى مول ئېنېرگىيىلىك سىللۇلۇزا بىلەن تەمىنلەپ، گلۇكوزىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ.
11. تۇننۇس بېلىقى: تەركىبىدە مول بولغان ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
12. قېتىق: كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قېتىق قاتارلىق پايدىلىق باكتېرىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ.