شىپايى غىزا: غىزائى مۇتلەق
بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئويناپ، بەدەننى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدىغان غىزالار غىزائى مۇتلەق دېيىلىدۇ.
غىزائى مۇتلەق-ئادەتتە كۆپ ساندىكى كېسەللىكلەرگە قارىتا بېرىلىدىغان غىزا بولسىمۇ، ئاساسلىقى ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە نورمال ئىستېمال قىلىنىدىغان غىزا بولغاچ ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىدە بۇ خىل غىزالارنى مۇتلەق غىزا دەپ ئاتىغان. غىزائى مۇتلەق ئۆزىنىڭ قويۇق-سۇيۇقلۇقى، ھەجمىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەندە ھەزىم بولۇش ئەھۋالىنىڭ ۋە ھەزىم بولغاندىن كېيىن ئورگانىزمنى غىدىقلاش تەسىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن غىزائى لەتىف ( ئاسان سىڭىدىغان غىزالار ) ۋە غىزائى غەلىز ( تەستە سىڭىدىغان غىزالار ) دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
1. غىزائى لەتىف:
ئاسان سىڭىدىغان، يۇمشاق، سۇيۇق، ھەجمى ئاز، قۇۋۋىتى يۇقىرى غىزالار بولۇپ، « لەتىف غىزالار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار مائۇللەھمى (گۆش سۈيى ياكى پارلاندۇرۇلغان گۆش سۈيى)، قۇشقاچ گۆشى، كەكلىك گۆشى، چۈجە گۆشى قاتارلىق ھەرخىل ئۇچار–قانات گۆشلىرى؛ پاقلان ياكى قوزا گۆشى، شوۋىگۈرۈچ، ئاق ئاش (بۇغداي ئۇمىچى)، يارما ئۇمىچى، نوقۇت ئۇمىچى، شىيرە ئاش، دانلىق قايناتما قاتارلىق سىڭىشلىق ئۇماچ ۋە شىيرە ئاش، سۈت، قايماق، سېرىق ماي، ئىرىمچىك، قېتىق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى؛ پالەك، يېسىۋېلەك، پەمىدۇر، غولپىياز، تاتلىق چامغۇر، ياڭيۇ، بېدە، مور قاتارلىق ھەر خىل كۆكتاتلار ۋە شۇلاردىن تەييارلانغان ھەر خىل غىزالارنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقىلار ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ بۇيرۇلىدىغان غىزالار بولۇپ، بۇ خىل غىزالار ئۆزى ئورۇق، سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر، كىچىك بالىلار، تېنى ئاجىز، ياشانغان كىشىلەر ياكى ھەزىم قىلىش خىزمىتى ياخشى بولمىغان بىمارلارغا ۋە ئۆتكۈر قىزىتمىلىق ئوفۇنەتلەنگەن، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.
لەتىف غىزالار ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما ھالىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىف غىزالار ۋە كۈچلەندۈرگۈچى لەتىف غىزالار دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
1) قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىف غىزالار:
بۇنداق غىزالار ئۆتكۈر قىزىتمىلىق ئوفۇنەنلەنگەن، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۆزى سۇيۇق، سوغۇق تەبىئەتلىك ياكى ھارارەت پەسەيتكۈچى تەركىبلەر قوشۇلغان غىزالارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، كاشكاپ ئېشى، بۇغداي ئۇمىچى ( ئاق ئاش )، قىيما شورپىسى، ئۈگرە ئاش، ئارپا ئۇمىچى، نوقۇت ئېشى، كۆك ماش قايناتمىسى، ئەينۇلا شورپىسى، قارىئۆرۈك سېلىنغان ئارپا ئېشى، كۆك ئېشى، خولۇپ ئاش قاتارلىقلار.
2) كۈچلەندۈرگۈچى لەتىف غىزالار:
بۇنداق غىزالار ئۆزى ئورۇق، ئۇزۇن كېسەل بولۇپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر، بالىلار، تېنى ئاجىز ياشانغان كىشىلەر ياكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا كېسەللىكلەر بولۇپ ھەزىم قىلىش خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇش، ئۆزى سۇيۇق ياكى سىڭىشلىك ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، سەمرىتىش، سۇيۇقلۇق تولۇقلاش رولىنى ئۆتۈيەلەيدىغان غىزالارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: توخۇ شورپىسى، باچكا شورپىسى، قىيما شورپىسى، گۆشلۈك ئۈزۈپ تاشلانغان ئاش، چۆچۈرە، گۆش سۈيى ( مائۇللەھمى )، گۆشى ئەرىقى، قازان كاۋىپى ( سوقما كاۋاپ )، نارىن چۆپ، قىيما ئاش، شوۋىگۈرۈچ، دۈملىمە توخۇ، دۈملەنگەن چۈجە، توخۇ گۆشى قورمىسى، ئۇيۇتما تۇخۇم ( يىللىتىلغان تۇخۇم )، چەينەك شورپىسى، توخۇ كاۋىپى ۋە مېۋە ئۇيۇتمىسى، كۆكتات شورپىسى، پۇرچاق غىزالىرى قاتارلىقلار.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا تۆۋەندىكى يېمەك – ئىچمەك ماتېرىياللىرىدىن تەييارلانغان ھەجمى ئاز، سىڭىشى ئاسان، قۇۋۋىتى يۇقىرى ھەرخىل غىزالارمۇ قوقاق ياندۇرغۇچى ۋە كۈچلەندۈرگۈچى لەتىف غىزالار قاتارىغا كىرىدۇ.
ئاشلىق تۈرىدىكىلەردىن: گۈرۈچ، بۇغداي ئۇنى، قارا بۇغداي ئۇنى، سېرىق پۇرچاق، نوقۇت، قوناق ئۇنى قاتارلىقلار.
گۆشلەردىن : ئۇچار – قانات گۆشلىرى، چۈجە گۆشى، ياش پاقلان گۆشى قاتارلىقلار.
مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن: سىڭىشى ئوڭاي، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنى ئاساس قىلىدىغان، قوشۇمچە تەسىرى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى تۆۋەن بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار.
سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن: ئۆچكە سۈتى ، قوي سۈتى ۋە تۆگە سۈتى، قېتىق، قايماق، ئىرىمچىك، سېرىق ماي قاتارلىقلار.
2. غەلىز غىزالار:
قۇۋۋىتى يۇقىرى بولسىمۇ تەس ھەزىم بولىدىغان، ئۆزى نىسبەتەن قويۇق، ھەزىم بولغاندىن كېيىن قوشۇمچە تەسىرى ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولغان غىزالار بولۇپ، «كەسىف غىزالار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلار ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كۆپىنچە كېسەللىكلەرگە پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
بۇ خىل غىزالارنى تېنى ساغلام، ئىشتىھاسى ئوبدان، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ساق ھەم ياخشى، ئومۇمىي بەدەن ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلىۋاتقان، ئورگانىزمنىڭ ھەرقايسى سىستېما ئەزالىرى كۈچلەندۈرۈش ۋە قۇۋۋەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.
غەلىز غىزالار – غىزالار ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خام ئەشيالارنىڭ تەبىئىتى، قويۇقلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەزىم بولغاندىن كېيىنكى قوشۇمچە تەسىرى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى، يەل پەيدا قىلىش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەس ھەزىم بولىدىغان غىزالار، يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالار، قاننى بۇزىدىغان غىدىقلىغۇچى غىزالار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
غەلىز غىزالار كۆپىنچە كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ياكى كېسەل قوزغاتقۇچى ئامىلى بولغاچقا، ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم ساق كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ ياكى ئېھتىيات بىلەن ( تۈزەتكۈچىلىرىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش، مىقدارى ئاز بولۇش دېگەنگە ئوخشىغان) ئىستېمال قىلىش تاپشۇرۇقى بۇيرۇلىدۇ.
1) تەس ھەزىم بولىدىغان غىزالار:
ھەزم بولۇشى تەس بولغان، ئۆزى قويۇق، قۇۋۋىتى يۇقىرى، تەبىئىتى ئىسسىق بولغان غىزالار بولۇپ، ئۇلار ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كالا گۆشى، قوتاز گۆشى، ئۆردەك گۆشى، غاز گۆشى، گۆش گىردە، گۆش نان، پېتىرمانتا، قۇيماق، ياغلىق توقاچ، پوشكال، پولۇ، مىفەن، زىخ كاۋاپ، قېزا، بېلىق كاۋاپ، جىگەر كاۋاپ، باقالى، قوناق چۆچۈرىسى، كاللا-پاچاق ، لەغمەن، غاز كاۋىپى، ئۆپكە – ھېسىپ، خورما، ياڭاق ماتىڭى، ياڭيۇ ( مەككى چامغۇرى )، ئۇندىن باشقا پىشمىغان، خام قالغان ھەرخىل تاماقلار.
2) يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالار:
ھەزىم بولۇشى تەس، ھەزىم بولۇش جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن، ھەزىم بولۇش جەريانىدا يەل پەيدا قىلىدىغان، ئورگانىزمدا ئاسانلا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان غىزالار بولۇپ، تونۇر كاۋىپى قىلىنغان كالا، تۆگە، قوتاز، قېرى قوي، ئۆچكە گۆشلىرى، دۈملەپ پىشۇرۇلغان ھەرخىل گۆشلەر، كالا گۆشىدە ياققان گۆش گىردە، ھوردا پىشۇرۇلغان مانتا، خوشاڭ، ھورنان، سامبۇسا ، يۇتازا ، قىيما كۆمەچ ، قوقاستا پىشۇرۇلغان توخۇ ، ئۆردەك ، غاز تۇخۇملىرى، قوغۇن، ئۆرۈك قېقى، شاپتۇل قېقى، پىياز، كۈدە، ئۇنىڭدىن باشقا پىشمىغان ھەرخىل مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلار.
3) قاننى بۇزىدىغان غىدىقلىغۇچى غىزالار:
ئۆزى ئاچچىق، ئۆتكۈر، تەبىئىتى ئىسسىق، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قوشۇمچە تەسىرى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بولغان غىزالار بولۇپ، ئات گۆشى، سۈرلەنگەن ئات گۆشى، سۈرلەنگەن قوتاز گۆشى، قورۇلغان بېلىق گۆشى، تۇزلانغان ئات، قوي، كالا، قوتاز، بېلىق گۆشلىرى، كىيىك گۆشى، جەرەن گۆشى، قىرغاۋۇل گۆشى، ئاچچىق توخۇ قورۇمىسى، ئاچچىق بېلىق قورۇمىسى، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، مانگو، سامساق، ھەرخىل ئېچىتما سەيلەر، تۇرۇپ قالغان، بۇزۇلغان، كۆيۈپ كەتكەن، ھەرخىل تاماقلار، ئۇندىن باشقا، بۇزۇلغان- چىرىگەن مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلار.