گۆشنان
[خۇرۇچ]
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇ 500 گرام، قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پىياز 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ئەبجەش ياغ 70 گرام، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ ئازراق.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
- گۆشنى ئۇششاق توغراپ ياكى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2.خېمىر تۇرۇچ قاتتىق بولسا، سۇغا سېلىپ ئېزىپ، ئۇنغا سېلىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئازراق تىندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن 200 گرام ۋە 140 گرام قىلىپ زوۋۇلاپ ئۈزۈپ تاۋلاپ، ھەربىر زوۋۇلىنىڭ گىرۋىكىنى نېپىز، ئوتتۇرسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلىت ئېچىپ، چوڭ جىلتقا تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۈستىدىن كىچىك جىلتنى يېپىپ چوڭ جىلتنىڭ گىرۋەكلىرىنى ياندۇرۇپ كىچىك جىلتنىڭ گىرۋىكى بىلەن چىمدىپ يېپىشتۇرۇپ، گۆشنان (قىيملىق نان) تەييارلىنىدۇ.
- قىزىغان تاۋىنى ياكى قازاننى ياغلاپ، گۆشناننى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، سەككىز پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرىلىدۇ. بۇ ناننىڭ خېمىرىنى كۆپتۈرمەيلا پېتىر قىلىپ ياسىغاندا، خېمىر نېپىز قىلىپ يېپىلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]گۆشى كۆپ، جىلتى نېپىز، تەملىك، يۇمشاق بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نانلىرىنىڭ بىرى.