شىپائى غىزا

گۆشلۈك پولۇ

[خۇرۇچى] گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇ بىلەن 3-4 قېتىم يۇيۇپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق، گۆش 140 گرام چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغنى قۇيۇپ، قائىدىگە مۇۋاپىق ياخشى داغلىغاندىن كېيىن، گۆش سېلىنىدۇ. گۆش سەل قورۇلغاندىن كېيىن، پىيازنى سېلىپ گۆش بىلەن بىللە قورۇلىدۇ. پىياز سارغايغاندا سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قورۇلىدۇ.
3. سەۋزە قورۇلۇپ توق سېرىق رەڭگە كىرگەندە، زىرە، قەلەمپۇر سېلىپ سەۋزە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا 60-50 مىنۇت سىم-سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئوتنى پەسەيتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ سېلىنىدۇ. ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوت تارتىۋېتىلىپ، چوغدا پىشۇرۇلىدۇ.
سۇ گۈرۈچ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى، گۈرۈچ سېلىنغاندىن كېيىن قازان تەكشى قاينىلىشى لازىم. تەكشى قاينىمىسا، پولۇ ئالا بولۇپ قالىدۇ.
4. گۈرۈچ سېلىشتىن بۇرۇن زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشىۋېلىش كېرەك. گۈرۈچ سېلىنىپ بولغاندا، بولۇپمۇ گۈرۈچ سۇنى سۈمۈرۈپ بولغاندا تۇز تەمىنى تەڭشەش قىيىن.

ئاشنىڭ سۈيى تارتىلىپ بولغاندا، بىر نەچچە يېرىگە تاياقچە سانجىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۇپ قاينايدۇ. ئاستىدىكى ھور ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچنىڭ ھەممە يېرىگە ھور تېگىپ، گۈرۈچنىڭ پىشىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى ئاساسەن تۈگىگەندە ئاش دەملىنىدۇ.
ئاشنىڭ دەم يېيىش ۋاقتى گۈرۈچنىڭ مىقدارى ۋە سورتىغا باغلىق. ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەتكەندە 25-20 مىنۇت دەملەنسە بولىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن، ئاشنى ياخشى ئۆرۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇش كېرەك. داستىخانغا پولۇ بىلەن بىللە سوغۇق قورۇمىلار كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.

[ئالاھىدىلىكى] بۇخىل پولۇ توي ۋە باشقا چوڭ مەرىكىلەر ئۈچۈن ۋە ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن ئومۇملاشقان بىر خىل نورمال پولۇ تۈرى. پولۇ دېگەندە ئومۇمەن پولۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكىسى نەزەردە تۇتىلىدۇ. بۇ پولۇنىڭ رەڭگى سېرىق، پارقىراق، مەززىلىك، قاتتىق- يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق، تەملىك بولىدۇ.
«ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button