ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى مايلار ھەققىدە
ماي – يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە ماددا بولۇپ، ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىدە مايلار تۈرى گلىتسېرىد ۋە مايسىمان ماددىلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى مايلارنىڭ %95ى تۈرى گلىتسېرىد بولۇپ، قالغان %5 تى باشقا ماي تۈردىكى ماددىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئادەم ئورگانىزمدا بولسا ماينىڭ %69 ى ترى گلىتسېرىدنىن ئىبارەت.
مايلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى:
1) ئورگانىزمدىكى مايلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى:
ئورگانىزمدىكى مايلارنىڭ ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلاش ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش ۋە قوغداش ئىچكى ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىش، ئورگانىزمنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتنىشىش، ئورگانىزمنىڭ كاربون – سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىشىنى ۋە ئاقسىلنى تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار. يەنى مايلار ئاقسىلللارنىڭ پارچىلىنىپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يولىنى توسۇپ، باشقا فىزىئولوگىيىلىك تەسىرلىرىنى تولۇق ئورۇنلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ مايلارنىڭ ئاقسىلنى تېجەش رولى دەپ ئاتىلىدۇ.
2) يېمەكلىكلەردىكى مايلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى:
يېمەكلىكلەردىكى مايلارنىڭ تويۇش سېزىمىنى ھېس قىلدۇرۇش، يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىسىنى ئاشۇرۇش، مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق روللىرى بار.
مايلارنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق مايلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھايۋانات يېمەكلىكلىرى ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى بولۇپ، ماينىڭ ئىستېمال قىلىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپ بولۇشى سالامەتلىك بىلەن بىۋاسىتە زىچ مۇناسىۋەتلىك.