ئۇزۇقلۇق نەزەرىيەسى

زىيانسىز، يېشىل ۋە ئورگانىك يېمەكلىكلەر

زىيانسىز يېمەكلىكلەر: بۇلغانمىغان، زەھەرسىز، سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چەكلىك مىقداردا دېھقانچىلىق دورىسى، خېمىيىۋى ئوغۇت ۋە بىرىكمە ھورمۇن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
يېشىل يېمەكلىكلەر: بۇلغانمىغان بىخەتەر ۋە سۈپەتلىك، ئوزۇقلۇق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئۇمومىي ئاتىلىشى بۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلغان، يېشىل يېمەكلىك بەلگىسى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان بۇلغانمىغان، زىيانسىز، بىخەتەر، سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق تىپىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى قاتارلىقلار « زىيانسىز يېمەكلىك» لەرنىڭكىدىن تۆۋەن بۇلىدۇ.
ئورگانىك يېمەكلىكلەر: بۇلغانمىغان، تەبئىي يېمەكلىكلەرنىڭ ئۇمومىي ئاتىلىشى بۇلۇپ، پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىسى، خېمىيىۋى ئوغۇت، ئۆسۈشنى تەڭشىگۈچى دورا قاتارلىق خېمىيىۋى ماددىلار ئىشلىتىلمەيدۇ، گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى قوللىنىلمايدۇ. بۇنىڭ يېمەكلىكلەر بۇلغانمىغان، ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە سۈپىتى يۇقىرى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاز، سېلىنىدىغان مەبلەغ زور، بازاردىكى باھاسى يۇقىرراق بۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button