ئۇزۇقلۇق نەزەرىيەسى
مېۋىلەر بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
- ماتېرىيال، خۇرۇچلىرىنى تېپىش ئاسان
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ۋە ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت بولغان، بىز تونۇيدىغان مېۋە-چېۋىلەر ئۆزىنىڭ يېيىشلىكلىكى، ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىستېمالغا مۇۋاپىقلىقى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. بۇ گۈزەل ئانا يۇرتىمىزنىڭ قەدىمدىن «مېۋە-چېۋە ماكانى» دېگەن ئېسىل، چىرايلىق نامى بار بولۇپ، بۇ نام ئەلۋەتتە يۇرتىمىزدىن مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئىنتايىن مول چىقىدىغانلىقى ۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىتا ئېيتىلغان. ھازىرقى ئىستېمال سەۋىيىمىز، ئىجتىمائىي شارائىتىمىز ۋە بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى نىسپىي ئەۋزەللىك تۈپەيلىدىن، بىز تېخىمۇ نۇرغۇن، يېڭى مېۋە-چېۋىلەر بىلەن تونۇشۇش، ئۇچرىشىش ۋە ئىستېمال قىلىش پۇرسىتىگە ئىگىمىز. ھازىر جەمئىيەتتە ئىزدىمەكچى بولغان مېۋە-چېۋە ئاساسەن دېگۈدەك تېپىلىدۇ. كىتابتىكى رېتسىپلارغا لازىملىق ھەر خىل مېۋە-چېۋە ۋە خۇرۇچلارنى تاپماقمۇ ئانچە تەس ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر بولغان نەچچە مىڭ يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىنتايىن نۇرغۇن دورىلىق خۇرۇچلارنى ھازىرلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. شۇڭا، خۇرۇچ ئىزدەشتە دورىخانا ۋە شىپاخانىلار سىزگە زور ياردەم ۋە قولايلىق بەخش ئېتەلەيدۇ.
2. تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي
مېۋە-چېۋە رېتسېپلىرىنى تەييارلاش ئۇسۇلى ئادەتتە بىر قەدەر ئاسان، بەزى مېۋە-چېۋىلەرنى بىۋاسىتىلا رېتسېپ قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. پەقەت ئاز-تولا قازان بېشى ئىشلىرىنى بىلىدىغان ئادەم بولسىلا، رېتسېپلارنى تەييارلىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مېۋە-چېۋە رېتسېپلىرىنى بىر قېتىمدىلا كۆپرەك تەييارلىۋېلىپ، كۆپ قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئارىلىقتا توڭلاتقۇدا ساقلانسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
3. باھاسى ئەرزان
ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان مېۋە-چېۋىلەرنىڭ باھاسى خېلىلا ئەرزان بولۇپ، داۋالاش راسخوتى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مېۋە-چېۋە ئارقىلىق كېسەل داۋالاش دورا ئارقىلىق داۋالاشقا قارىغاندا، تولىمۇ ئەرزان ھېسابلىنىدۇ.
4. داۋالاش ئۈنۈمى ئېنىق
مېۋە-چېۋە ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتا ماتېرىيالىنى تاپماق ئاسان، ياساش ئۇسۇلى ئاددىي، باھاسى ئەرزان بولۇش بىلەن بىرگە، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. مېۋە-چېۋىلەر ئەسلىدىنلا بىر خىل دورىلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇ ھەم دورا، ھەم ئوزۇقلۇق، شۇڭا ئۇلارنى ئەڭ ياخشى دورا دەپ تونۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ شىپالىق روللىرى توغرىلىق نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مېۋە-چېۋە رېتسىپلىرىنى ئىنتايىن ئىشەنچىلىك دېيىشكە بولىدۇ.
5. تەملىك، يېيىشلىك
ئوزۇقشۇناسلار مېۋە-چېۋىلەردە مول سۇ تەركىبى، ئاقسىل، ئاممونىي كىسلاتاسى، ئورگانىك كىسلاتالار، تالا ماددىلىرى، قەنتلەر، ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار مول دەپ قارايدۇ. كۆپ سانلىق مېۋە-چېۋىلەر تەملىك ۋە يېيىشلىك بولۇپ، گەرچە دورا قىلىپ ئىشلەنسىمۇ، يەنىلا شۇنداق يېيىشلىك ۋە تەملىك بولۇپ، ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
6. ئەكس تەسىرى ئاز
بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش_ مېۋە-چېۋە بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. مېۋە-چېۋىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى باشقا زۆرۈر يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئادەم بەدىنى يېمەكلىكتىن كەلگەن بىر قاتار غىدىقلىنىش ۋە تەسىرلەرگە قارىتا ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش خاراكتېرلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، بەدەنگە قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىكىنى ئامال بار ئادەم تېنىگە ئەڭ پايدىلىق تەسىر بېرىدىغان شەكىلدە قوبۇل قىلىشقا تىرىشىدۇ. نورمال ئوزۇقلىنىش ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ياكى پايدىسىز تەسىر ۋە توسالغۇ ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىراق دورىلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىك ھازىرلانمىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىۋاتقان مېۋە-چېۋىلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىستېمال ئەمەلىيىتى جەريانىدا، ھەقىقەتەن زىيانلىق تەسىرى يوقلۇقى ۋە زەھەرسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولغاچقا، ئادەتتە توغرا ئىستېمال قىلىنسىلا، ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. تېخى بەزى مېۋە-چېۋىلەر زەھەر قايتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، مېۋە-چېۋىلەرنى ھەدىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا ياكى كېسەللىك بىلەن ماس كەلمەيدىغان مېۋە-چېۋىلەرنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندە ھەر خىل ئەكس تەسىرلەر كۆرۈلۈشى ئېھتىمال، بىراق بۇ خىل خاتا ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى تۈزىتىلسىلا، بىنورمال تەسىرلەر ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.